باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>يېڭى مەھسۇلاتلار
چوڭ ئېكرانلىق iPhone 6 Plus يانفونى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي ماس كېلەمدۇ-يوق؟
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 14:56:16

شۇنداق قىلىپ، ئالما شىركىتى ئاخىرى چوڭ ئېكرانلىق ئايفوننى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولدى، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus لارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۈچ كۈن ئىچىدە 10 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئالما شىركىتىنىڭ پەسىللىك مالىيە كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بىراق، ھايانكەشلەرنىڭ باھانى ھەددىدىن زىيادە ئۆستۈرۈۋېلىشى، ئايفونغا بولغان ھېسسىي ئېھتىياج قاتارلىقلارنى ئويلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، چوڭ ئېكرانلىق ئايفون، بولۇپمۇ 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن iPhone 6 Plus ئىشلىتىشكە راستىنلا ئىنتايىن ماس كېلەمدۇ-يوق؟ ئۇنداقتا theverge تور بېكىتى مۇھەررىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېسىياتىنى ئاڭلاپ باقايلى.

«مەن ئالدىنقى ھەپتە ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر يېڭى يانفوننى سېتىۋالدىم، بىراق، ئاخىرى مەن ئۇنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچتىم. ئالما شىركىتى ئىككى نۇسخا يېڭى ئايفوننى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر قىززىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى، مەن نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن، ئاخىرى بىر ‹ئوسال› قارارنى چىقاردىم، شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەن سائەت ئۈچتە ئۆچرەتتە تۇرۇپ مىڭ بىر جاپادا iPhone 6 Plus نى سېتىۋالدى

iPhone 6 Plus نى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، راست گەپنى ئېيتسام ئۇنىڭ چوڭلۇقىدىن چۆچۈپ كەتتىم، ئېكرانى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى گەۋدىسى دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز بولۇپ، بۇ يانفوننى قانداق تۇتۇشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم، ئاخىرى مەن خۇددى بىر ئۇزۇن سۆڭەكنى تۇتقاندەك ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدىن تۇتۇۋالدىم، ‹بەك چوڭكەن!› دىدى مىنىڭ ئايالىم قولۇمدىكى يانفونغا قاراپ، ئۇ يانفوننى قولۇمدىن ئېلىپ، تېلفۇن ئۇرغان ھالەتنى چىقارماقچى بولىۋىدى، ئۇنىڭ يۈزى يانفون گەۋدىسى ئارقىدا كۆرۈنمەيلا قالدى.

ئارقىدىن، ئۇ يانفوننى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ iPhone 5 يانفونىنى ئوينىغىلى تۇردى، مەن خۇددى بىر مۈشۈكنى كۆتۈرگەندەك ئىككى قولۇمنى سوزۇپ iPhone 6 Plus نى تۇتتۇم، تۇيۇقسىز بۇ يانفون قولۇمدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ۋاي ئېسىت! دەرھال يەردىن ئېلىپ قارىسام، ھەر نېمە بولسا زەخمىلەنمەپتۇ. كەچتە كارىۋاتتا ياتقاچ ئويلىنىپ قالدىم: بۇ يانفوننىڭ قولۇمدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن قانداق ساقلانسام بولار؟ iPhone 6 Plus زىيادە چوڭ بولغاچقا، مىنىڭ ئالقىنىم ئۇنىڭغا بويلاشمايتتى، ھەر قېتىم بىر قول بىلەن يانفون ئېكرانىنىڭ مەلۇم قىسمىنى چەكمەكچى بولغىنىمدا، يانفوننى يانتۇ تۇتۇشقا مەجبۇر بولاتتىم، شۇڭا ھەر ۋاقىت يەرگە چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

ئەلۋەتتە، مەن يەنە توختىماي ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم: چوڭ ئېكرانلىق يانفوندا خەت ئوقۇش بەك راھەت! ئويۇن ئوينىسىمۇ پەيزى! بىراق، كېيىنكى بىر نەچچە كۈنلۈك ئىشلىتىش داۋامىدا، مەن چوڭ ئېكرانلىق ئايفوننىڭ بىر ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاخىرى، مەن ئالما دۇكىنىغا بېرىپ، iPhone 6 Plus نى ئېكرانى كىچىكرەك بولغان iPhone 6 گە ئالماشتۇرماقچى بولدۇم. دۇكان خىزمەتچىسى تەلىپىمگە ناھايىتى تېزلا ماقۇل بولدى، بىراق، دۇكان دېرىكتورى يىنىمغا كىلىپ، ماڭا ئالدىن كىلىشىۋالمىغان بولغاچقا، بىر ئاز ساقلاشقا توغرا كىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ماقۇل بولدۇم، بىراق، شۇ ساقلىغانچە تۆت سائەت ساقلاپتىمەن، ئاخىرى دۇكان خىزمەتچىسى يىنىمغا كىلىپ، ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى iPhone 6 Plus نى AT&T خەۋەرلىشىش شىركىتىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە AT&T نىڭ تىجارەت زالىغا باردىم، بىراق، ئاخىرى تەلىپىم يەنىلا ئىجاۋەت بولمىدى.

«ئۆيگە قايتقاچ ئۆزۈمنىڭ تېخى ئالدىنقى ھەپتە ناھايىتى ھاياجان ئېلكىدە ‹ئەگەر كىمكى iPhone 6 Plus نى سېتىۋىلىشنى خالىمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ نېرۋىسىدا چاتاق بار.› دەپ پىكىر يازغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالدىم، مەن نېمە دىگەن ھاماقەت ھە!»

بۇ ئەمەلىي مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ قايسىسىنى تاللاش كېرەك دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئەڭ ياخشىسى يانفوننى قولغا ئېلىپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىش كىرەك، ئاندىن iPhone 6 Plus نى زادى دائىم ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە كۆنەلەمدۇق-يوق بۇنى ياخشى ئويلىشىشىمىز كېرەك. تېخى يېقىندا تارقالغان بىر خەۋەردە، iPhone 6 Plus يانفونىنى يانچۇققا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، ئىگىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، شۇڭا iPhone 6 Plus نى سېتىۋالغۇچىلار ئۇنى ئىشتان يانچۇقىڭىزغا سالماڭ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قولىڭىزدا كۆتۈرۈۋېلىڭ ۋە ياكى سومكىغا سېىلىۋېلىڭ

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق