باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>يېڭى مەھسۇلاتلار
iPhone 6 يانفونى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو بازىرىغا رەسمىي كىرىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 15:40:48

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ سېتىلىش ۋاقتى ئاللىقاچان 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگە بېكىتىلگەن، بۇ كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە، قۇلۇپسىز نۇسخا ۋە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تەرىپىدىن بۇيرۇتۇپ ياسالغان نۇسخىدىكى يېڭى ئايفون جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. باھاسىغا كەلسەك، iPhone 6 نىڭ باھاسى 5288 يۈەن، iPhone 6 Plus نىڭ بولسا 6288 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

ئىستېمالچىلار ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەقەززا بولغان iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرى ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرى ئالما شىركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سالىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار تىزىملىكىدە يوق ئىدى، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئىككىنچى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە، يەنىلا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇنداقتا، دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىندىغان يەنى چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى iPhone 6 بىز بىلەن زادى قاچان يۈز كۆرۈشىدۇ؟

تۈنۈگۈن، تېڭشۈن تېخنىكا تورى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ مىياۋيۈنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ iPhone 6 نىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەستىقلاش باسقۇچىغا كىرىپ بولغانلىقىنى، ھازىر پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان. دىمەك، چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus لار پات-ئارىدا بازارغا سېلىنىش ئالدىدىكى توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا بىز بىلەن رەسمىي دىدارلىشىدىكەن.

نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا دىيىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى iPhone 6 نىڭ سېتىلىش ۋاقتى ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ بولغان، يەنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالما شىركىتى ئورگان تورىدا قۇلۇپسىز نۇسخا ۋە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بۇيرۇتۇپ ياساتقان نۇسخىدىكى يېڭى ئايفون رەسمىي تۈردە سېتىشنى يولغا قويىدىكەن.

باھاسىغا كەلسەك، iPhone 6 نىڭ باشلىنىش باھاسى 5288 يۈەن، iPhone 6 Plus نىڭ باشلىنىش باھاسى بولسا 6288 يۈەن بولىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق