باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>يېڭى مەھسۇلاتلار
ئالما شىركىتى «iPhone 6 نىڭ ئىگىلىپ كېتىشى» گە ئىنكاس قايتۇردى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 15:02:13

ئالما شىركىتى يېقىندا تور دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان iPhone 6 Plus يانفونىنىڭ يانچۇقتا تۇرۇپ ئىگىلىپ كەتكەنلىكى مەسىلىسىگە رەسمىي تۈردە ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇلار سۆزىدە، يېڭىدىن لايىھەلەنگەن ئايفونغا داتلاشماس پولات ۋە بىرىكمە مېتال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى، شۇنداقلا ئايفونغا يەنە «كەسپى ساھەدىكى ئەڭ قاتتىق ئەينەك ماتىرىيال» ئىشلىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئالما شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، ھازىرغا قەدەر پەقەت توققۇز ئابونت ئايفونىنىڭ ئىگىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەرگىزمۇ تاراتقۇلار خەۋەر قىلغانغا ئوخشاش ئۇنچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ئالما شىركىتى يەنە iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرىنىڭ چىدامچانلىق ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، نورمال ئىشلىتىش داۋامىدا ئىگىلىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

«بىزنىڭ يېڭى ئايفوننى لايىھەلەش، ماتىرىيال تاللاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ تۈپكى نىشانى ئۇنى ھەم چىرايلىق ھەم پۇختا قىلىپ چىقىش. iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرىغا ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نەپىس ھۈنەر-سەنئەت قوللىنىلغان، يانفون گەۋدىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوكسىدلانغان ئالىيۇمىن ماتىرىيال سەپلەنگەن بولغاچقا، چىدامچانلىق دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى. بۇندىن باشقا، بىز ئۇنىڭغا يەنە داتلاشماس پولات ۋە بىرىكمە مېتال ئىشلىتىپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇردۇق، شۇنداقلا بىز يەنە ئۇنىڭغا نۆۋەتتىكى ئەڭ قاتتىق بولغان ئەينەك ماتىرىيال ئىشلەتتۇق. بۇنىڭ ھەممىسى ئايفوننى چىداملىق ۋە پۇختا قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىلەن، ئىگىش، بېسىش، بۇراش قاتارلىق. iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرى بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا بولغان ئىھتىياج ۋە ئۆلچىمىمىزگە تامامەن ئۇيغۇن كىلىدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مۇھىتلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.»

ئەگەر ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئايفوننىڭ ئىگىلىپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. نۆۋەتتە، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرىنىڭ سېتىشنى يولغا قويغىنىغا ئاللىقاچان ئالتە كۈن بولدى، ھازىرغىچە پەقەت توققۇز نەپەر ئىستېمالچى ئۆزىنىڭ iPhone 6 Plus يانفونىنىڭ ئىگىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ئالما شىركىتىنىڭ باشقا ھەرقانداق مەھسۇلاتىغا ئوخشاش، ئىستېمالچىلار مەسىلە كۆرۈلگەندە دەل ۋاقتىدا ئالما شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىشى كىرەك.

iPhone 6 Plus نىڭ ئىگىلىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ پەيدا بولغان، ئارقىدىن يەنە بەزىلەر «قول ئارقىلىق iPhone 6 Plus نى ئىگىش سىناقلىرى» نىڭ ۋىدىئولىرىنى يوللىغان. تاراتقۇلار بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەچكە، ئۇلار ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا iPhone 6 Plus نىڭ ئىگىلىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئاسانلىقچە ئىگىلمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. گەرچە ئالما شىركىتى ئىزچىل تۈردە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇلار خىزمەتچىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىگىلىپ كەتكەن ئايفوننى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق