\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئابى شىنزۇنىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ تىنچلىق شەرتنامىسى سۆھبىتى قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشى قىيىنغا توختىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:36

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 9-ئاينىڭ5-كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى، ئارقىدىن رۇسىيە 5-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى. ئابىشىنزو پۇتىننى ياپونىيە-رۇسىيە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش «تارىخىي مەسئۇلىيىتى» نى ئورۇنداشقا دەۋەت قىلدى، لېكىن رۇسىيەنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا، رۇسىيەنىڭ شەرتنامە تۈزۈش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغان.

رۇسىيە ئىزچىل مەيدانىدا چىڭ تۇردى.

ئابىشىنزو پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، تىنچلىق شەرتنامىسى ۋە خەلقئارا ئىشلار قاتارلىق مەسىلىلەردە رۇسىيە بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پۇتىن مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، روسىيە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى 10-ئايدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئارالدا بىرلەشمە ساياھەت كەسپىنى سىناق يولغا قويۇشقا قوشۇلدى.

ياپونىيە خوككايدونىڭ شىمالىدىكى خابومەي، شىكوتان، كۇناشىرىتو،ئىتوروفۇتو قاتارلىق تۆت ئارالنى شىمالدىكى تۆت ئارال، رۇسىيە تەرەپ جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئاراللار 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياپونىيەگە تەۋە بولۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە ۋارىسلىق قىلغۇچى دۆلەت سۈپىتىدە ئەمەلىي كونترول قىلىپ كەلدى. رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ ئاراللارنىڭ تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش - تارتىش بولۇپ، ھازىرغىچە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالانمىدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى يۇرى ئۇشاف رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا رۇسىيە ـ ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھازىرقى ھەمكارلىق رامكىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى، لېكىن رۇسىيەنىڭ تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش مەيدانىدا «ئۆزگىرىش» يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ يىل 11-ئايدا چىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدۇ.

ئابىشىنزو بىلەن پۇتىن بۇلتۇر 1956 - يىلىدىكى «ياپونىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتاق خىتابنامىسى» گە ئاساسەن تىنچلىق شەرتنامىسىنى تىزدىن تۈزۈش سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى كېڭىشپ بېكىتتى،لېكىن كېيىنكى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى. خىتابنامىدىكى ئالاقىدار ماددىلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى شەرتنامە تۈزۈلگەندىن كېيىن ياپونىيىگە تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان ئاراللار ئىچىدىكى كۆلىمى كىچىكرەك بولغان شىكوتان بىلەن خابومەي ئارالىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ،دەپ بەلگىلەنگەن. پۇتىن 2018 - يىلى 11 - ئايدا مۇنداق دېدى : خىتابنامىدە گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيە بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ياپونىيەگە ئىككى ئارالنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان .

ئابى شىنزو ھەمكارلىق نەتىجىسىنى تەكىتلىدى.

ئابى شىنزو روسىيە شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى : ياپونىيە بىلەن روسىيەنىڭ تىرىشىشىدىن نەتىجە كۆرۈلدى دىگەندە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ئىلگىرىلەش بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالدۇق. بۇ بىزنى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداپ، تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش ھەمدە خەلقنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندەيدۇ.

ئابى شىنزو ياپونىيە - رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ھەمكارلىق ئۆتكەن ئۈچ يىلدا 200 دىن ئارتۇق خۇسۇسىي تۈرنى ئىلگىرى سۈردى دېدى.
ئابى شىنزو مۇنداق دېدى : ياپونىيە خىتاچى كېمىسازلىق گۇرۇھى قارمىقىدىكى بىر كارخانا موسكۋا شەھەر ئەتراپىدا ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرۇپ، كۈنىگە 7600 توننا تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ ئېلېكتىر ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، بۇ موسكۋا ئېھتىياجلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ % 10 ىگە توغرا كېلىدۇ.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابې شىنزو شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ ئورتاق ئىقتىسادىي پائالىيىتىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سۆھبەتتە ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلغان.
پۇتىن شۇ كۈنى شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى : مەن ياپونىيە بىلەن بولغان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق، ياپونىيەنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتكە، مەسىلەن، ئامېرىكىغا ۋەدە بېرىشى رۇسىيەنى ئەندىشىگە سالدى.

رۇسىيە ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىكوتان،خابومەي ئاراللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئەنسىرىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا «ياپونىيە - ئامېرىكا ئامانلىق ساقلاش شەرتنامىسى» گە ئاساسەن ئارالدا ھەربىي بازا تەسىس قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى «زېئۇس قالقىنى»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رۇسىيەگە تەھدىت پەيدا قىلدى.

كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە شىمالدىكى تۆت ئارالنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، قايتۇرۇپ بېرىش ئۈستىدە ياپونىيە بىلەن بولغان ئارازلىقى بىر قەدەر چوڭقۇر ئىكەن.

رۇسىيە زۇڭلىسى دېمىترى مېدۋېدېۋ 8 - ئايدا ئىتوروفۇتو ئارىلىغا بېرىپ،ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. پۇتىن9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئابى شىنزو بىلەن كۆرۈشكەن كۈنى، شىكوتان ئارىلىدىكى بىر رۇسىيە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋېدىيو ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有