\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:48

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ خەلقئارا سۆھبەت ئالاھىدە ۋەكىلى جاسىن گرېنبرات 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. گرېنبرات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى پىلانى، يەنى «ئەسىر كېلىشىمى»نىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسى .

پەلەستىن دائىرىلىرى: گرېنبراتنىڭ ئامېرىكا «ئەسىر كېلىشىمى»نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى جاكارلىشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

گرېنبرات 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستېپا بېرىدىغانلىقى، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بىر خۇسۇسىي كارخانىغا كىرىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى خەۋەر مەنبەسى قىلىپ، گرېنبرات 2017-يىلىنىڭ بېشىدا ئاق سارايدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان، ئەسلىدە پەقەت ئىككى يىللا ئىشلەپ، ئائىلىسىگە قايتىشنى ئويلىغانتى دەپ خەۋەر بەردى.

گرېنبراتنىڭ ئالتە بالىسى بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا تۇرىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاق ساراينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەسلىدە دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدىن مۇستەقىل ئىكەن، گرېنبراتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ئاق ساراينىڭ بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىران ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: زۇڭتۇڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جالىد.كۇشنېرنىڭ ياردەمچىسى ئاۋى بۇركوۋتز گرېنبراتنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ، ئىران ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىل برائىن خوكې تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ دېدى.

گرېنبرات باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئاق سارايدا ئىككى يېرىم يىل خىزمەت قىلىش مېنىڭ شان-شەرىپىم، ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىدا «ئەسىر كېلىشىمى»نى تەييارلاشقا قاتناشقانلىقىدىن «ئىنتايىن خۇشالمەن»، بۇ لايىھەنىڭ مىليونلىغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى «كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش»تا يوشۇرۇن كۈچى بار.

«ئەسىر كېلىشىمى»نىڭ ئاساسلىق تەسەۋۋۇرى «مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش»، يەنى پەلەستىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان زېمىنىنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇرەسسەلىشىشكە يول قويۇش. پەلەستىن بۇ لايىھەگە قارشى تۇردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن بۇ لايىھەنى ئېلان قىلماقچى بولدى. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گرېنبرات «ئەسىر كېلىشىمى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىكەن.

گرېنبرات ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى تېلاۋىفتىن يېرۇسالېمغا كۆچۈرۈشىنى قوللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىغا بېرىدىغان مەبلىغىنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ ئۇسۇللار ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

پەلەستىن دائىرىلىرى: گرېنبراتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

پەلەستىن زۇڭتۇڭى مەھمۇد ئابباسنىڭ باياناتچىسى نابىل ئەبۇ رۇدەينا: گرېنبرات ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەگكۈزدى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، پەلەستىنلىكلەر ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئۈچۈن ياش تۆكمەيدۇ دەپ قارىدى.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خانان ئاشراۋى مۇنداق دېدى، گرېنبراتنىڭ «ئەسىر كېلىشىمى» ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىستېپا بېرىشى، ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىشى، ئۇلار زەربە بېرىپ پەلەستىنلىكلەرنى باش ئەگدۈرۈشكە، بىزنى لايىھەنى قوبۇل قىلىشقا قىستاشقا ئۇرۇنۇپ، ئىشنىڭ بېشىدىلا مەغلۇپ بولدى.

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، يەنى «خاماس»مۇنداق دەپ قارىدى: گرېنبراتنىڭ ئىستېپا بېرىشى «خۇش خەۋەر»، بۇ كۇشنار رەھبەرلىكىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ «مەغلۇپ» بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خاماسنىڭ باياناتچىسى باسىم نايىم: گرېنبراتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ۋە توقۇنۇشنى پەسەيتىش لايىھەسىنى قايتىدىن باھالىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有