\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بولتون نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلدى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-12 10:42

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتوننىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بولتون بۇنىڭ بىلەن تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان3-زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولۇپ قالدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: «بۈركۈت گۇرۇھى»دىكى ئەرباب بولتوننىڭ ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى تېخىمۇ كۆپ «داۋراڭ سېلىش»، «ئازراق قول سېلىش» قا مايىللىشىدۇ.

«خوجايىن»ى تىرامپ بىلەن بولغان سىياسىي قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى بولتوننىڭ ۋەزىپسىىدىن ئايرىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبى دەپ ھېسابلاندى. تىرامپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تېۋىتتىردا: ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش، بولتوننىڭ نۇرغۇن پىكىرلىرىگە « قوشۇلمىغانلىقىنى » بىلدۈردى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى ئارقىدىن: تىرامپ بىلەن بولتوننىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىرنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، تىرامپ بىلەن بولتوننىڭ ئىران، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى كۈنسېرى روشەنلەشتى. بولتون ئىزچىل تۈردە قاتتىق قوللۇق بىلەن سۆز قىلدى، لېكىن تىرامپ ھەربىي ئىشلارنى ئالدىن تاللاشنى خالىمىدى. ئۇ يېقىندا يەنە ئىران زۇڭتۇڭى بىلەن ئالدىن شەرت قويۇلمىغان ھالدا كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بولتوننىڭ پىكرى بىلەن زىت بولدى.

ئامېرىكىدىكى بەزى تاراتقۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىككى ئادەمنىڭ « مېھمان بىلەن ساھىبخان »لىق مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى شال پاخىلى يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاندىكى تالىبان ئۆتكۈزگەن تىنچلىق سۆھبىتى بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: بولتون ئالدىنقى ھەپتە تالىبان بىلەن ھېچقانداق تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىماسلىق توغرىسىدا پىكىر بېرىپ، تىرامپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككىيلەن 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە تالىباننىڭ ۋەكىلىنى داۋىد لاگېرىغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىش ئىشىدا تالاش-تارتىش قىلغان، ئاخىرىدا تىرامپ بولتوندىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، بولتون ئۆزىنىڭ «ئىشتىن بوشىتىلغانلىقى» توغرىسىدا باشقىچە پىكىردە بولدى. ئۇ تىرامپ تېۋىتتىردا سۆز قىلغاندىن كىيىن، مەن ئىشتىن بوشىتىلماستىن، بەلكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بەردىم دېدى.

بولتوننىڭ تۇيۇقسىز «ئىستېپا بېرىشى »، ھەر قايسى تەرەپنى تەمتىرىتىپ قويدى. ئاق ساراي 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تاراتقۇلارغا ئېلان قىلغان كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، يەنە بولتوننىڭ دۆلەت كاتىپى پومپېئو، مالىيە مىنىستىرى مونۇچىن بىلەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى يېزىلغان.

لېكىن ۋاشىنگتون سىياسىي چەمبىرىكىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بولتون « يەنە بىر ئۆتۈكنىڭ چۈشۈشى » قالىغىنىغا ئوخشايدۇ، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. ئامېرىكىدىكى بەزى تاراتقۇلار ھەتتا « بولتوننىڭ ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ » دېگەن تېمىدا خەۋەر بەرگەن.

بۇلتۇر 4-ئايدا، تىرامپ بۇ سۆزنى قىلغان فوكس ئاخبارات قانىلىنىڭ ئوبزورچىسى قائىدە-يوسۇنغا ئەمەل قىلىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە جۇڭجياڭى مىكمارىستىرنى ئالماشتۇردى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: تىرامپ ئەينى چاغدا بولتوندىن « ئۆزىنىڭ سايىسىنى كۆرۈۋالدى»: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ئاپپاراتلارغا ئۆچ بولدى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە قارشى تۇردى، ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئارىلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلىرىدىن گۇمانلاندى. بولتون يەنە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇنىڭدىن تىرامپ بىر مەزگىل بۇ مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان ئادىمىم دەپ ھېسابلىدى.

لېكىن، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بولتون ئىزچىل ئۆز كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، تىرامپ ئۇنىڭدىن بارا-بارا نارازى بولدى. بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان، جەمئىيەتتە بولتوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز تارقالدى. ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى » نۇرغۇن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تىرامپنىڭ بولتوننى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۆز ئالدىغا بولتوننى چەكلىگەنلىكىنى، بولمىسا ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشى مۇمكىچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بولتوننىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىمۇ خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا قارشى ئېلىنمىدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىۋچە: ئۇ پومپىئو ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن دىپلوماتىيە سىياسىي قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش قىلغان.

زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى « ئۈچ ئات ھارۋىسى » دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. تىرامپ كېلەر ھەپتە بولتوننىڭ ئىز باسارىنى جاكارلايدۇ. بۇ ۋەزىپىنى زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن ياردەمچىسى چارلىز كۇپېرمان ۋاقتىنچە ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ.

بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: « بۈركۈت» گۇرۇھىدىكى بولتوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئەترىتىدىكى « ئۇرۇشخۇمار » لار ئازىيىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە پارلامېنت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دان ماخافى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە پەقەت بىرلا ئاۋاز ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئاۋازى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有