\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر «ئۇلۇغ جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىگە ياخشى تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-02 17:05

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدىن كېيىن، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ۋاكالىتەن ئالغۇچىلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بەرگەنلىكىدىن بىز ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدۇق ھەم ھاياجانلاندۇق، ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ گۈللەپ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز، بىز ئۆز تېرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز دېدى.

كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائۇل كاستىروغا ۋاكالىتەن ئوردېن ئالغان كۇبانىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى رامىرېس 1-شۇجى رائۇلغا ۋاكالىتەن بۇ ئوردېننى ئالغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، بۇ-1-شۇجى رائۇل كاستىرونىڭ شەرىپى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ كۇبا خەلقىگە بولغان ئېسىل دوستلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى، بىز يېقىندىلا كۇبا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 59 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، 1-شۇجى رائۇل «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، بۇنى ھەقىقەتەن خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق دېيىشكە بولىدۇ، كۇبا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، كۇبا-جۇڭگو دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ دېدى.

تايلاند مەلىكىسى سىرىندورىن بۇ قېتىم ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىم-ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى زور شەرەپ ھەم بەك مۇھىم، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بەلگىلەنگەن كۈنتەرتىپلەرنى بىكار قىلدىم، رەئىس شى جىنپىڭ ماڭا ئوردېننى ئۆزى بەردى، مەن بەك ھاياجانلاندىم، مۇنبەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، مەن بەك جىددىيلەشتىم، مەسىلە چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پائالىيەتتىن بۇرۇن كۆپ قېتىم رېپىتس قىلدىم، مەن جۇڭگونىڭ تايلاند خان جەمەتىنىڭ مائارىپ جەھەتتىن نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن دېدى.

تانزانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى سەلىمگە ۋاكالىتەن ئوردېننى ئالغان مايام مۇنداق دېدى: دادام ئۆزىگە «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن بەك خۇش بولدى، ئۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇ بۇنى يۈكسەك شەرەپ دەپ بىلىدۇ، دادامنىڭ جۇڭگوغا بولغان گۈزەل ھېسسىياتى ۋە ئەسلىمىسى بەك چوڭقۇر، ئۇ ئۆزى كېلىپ ئوردېن ئېلىشنى بەك ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكى سەۋەبىدىن جۇڭگوغا كېلەلمىدى، مەن دادام ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىپ ئوردېن ئالغانلىقىمدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلاندىم، چۈنكى دادام-بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى شۇنداقلا بۈگۈنكى بىردىنبىر ئافرىقىلىق دوست، بۇ ئوردېن ھەم دادامغا بېرىلگەن مۇكاپات ھەم تانزانىيە-جۇڭگو دوستلۇقى، ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ جەۋھىرى، بۈگۈنكى مۇراسىم-مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ تەنتەنىلىك كاتتا مەرىكە، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.

رۇسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن رەئىسى كۇلىكوۋا مۇنداق دېدى: بۈگۈن-مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك بىر كۈن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن ئوردېننى ئالغانلىقىم-مەن ئۈچۈن زور شەرەپ، بۇ شەرەپ يالغۇز ماڭىلا مەنسۇپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىزچىل جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ئىشلىرىنى قىلىپ كەلگەن مىليونلىغان خىزمەتداشلىرىمغا، تېخىمۇ مۇھىمى زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قەتئىي قوللىغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمغا مەنسۇپ. مەن قېرىنداشلىرىمغا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى داۋاملىق تونۇشتۇرىمەن، چۈنكى بۇ-دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ماڭا «دوستلۇق ئوردېنى» بەرگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، بەك ھاياجانلاندىم، جۇڭگونىڭ تارىخى، بۇ ئۇلۇغ دۆلەت، ئۇلۇغ خەلقنى ئويلىدىم، جۇڭگو خەلقىنىڭ مېنى دوستلۇق ئەلچىسى دەپ قارىغانلىقى-مېنىڭ خىزمىتىمگە بولغان ئېتىراپ. مەن دۇنيانىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، جۇڭگونىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى تونۇپ يېتىشى، جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايمەن، مەن جۇڭگوغا ياخشى تىلەك تىلەيمەن، جۇڭگو ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق خەلققە بەخت تىلەيمەن، جۇڭگو ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق-دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق، ئورتاق تەرەققىيات، ئۆزىمىزنىڭ يەر شارىمىزنى قوغداش، بارلىق كىشىلەرنى تىنچلىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن تېرىشقانلىق. بۇ-فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇقى يەتكۈزگەن ئۇچۇر. رەئىس شى جىنپىڭ سابىق زۇڭتۇڭ شىراكنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن، سابىق زۇڭتۇڭ شىراكمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى ئىدى، مەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئۇ ماڭا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن ئۇستاز ئىدى، «دوستلۇق ئوردېنى» شەرىپى يەنە شىراكقىمۇ مەنسۇپ.

بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى داشۆسىنىڭ 104 ياشقا كىرگەن كانادالىق ئۆمۈرلۈك پەخرىي پىروفېسسورى كىرۇك مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، مەن يۈز نەچچە يىل بۇرۇن تۇغۇلغان، ئۇ چاغدا جۇڭگودا توختىماي ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئىكەن، دەل جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگوغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى، مەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى كۈندىن كۈنگە يېڭىلانغان تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، مەن ئۇلۇغ دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەختلىك ھالدا بۇنىڭغا ئاتلىنىپ، بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم، نەچچە ئون يىلنى ئەسلىسەم، مەن پەقەت ئۆزۈم خالايدىغان ئىشلارنى قىلىپتىمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشلىرى مېنىڭ ئىشلىرىم، شەرەپ ۋە نەتىجىلەر-جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ھەم خەلقنىڭ قوللىغانلىقىغا مەنسۇپ. بۇ ئوردېن-كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كەلگەن سانسىزلىغان پېشقەدەم خىزمەتداشلىرىم، قەدىناس دوستلىرىمغا تېخىمۇ مەنسۇپ. مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا تىلەكداشمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有