\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

موڭغۇلىيە «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۈرىدە نەپكە ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 13:25

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

موڭغۇلىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولېرما يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان موڭغۇلىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى پائال ھەمكارلاشتى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رامكىسى ئىچىدە موڭغۇلىيە خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن تۈرلەرنى يولغا قويدى، موڭغۇلىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۈرىدە كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

بولېرما مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەردە «پەرىشتە سەپىرى»، «بىر بەلباغ، بىر يول»، «ئېغىر كېسەللەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش پىلانى»، موڭغۇلىيەدىكى نۇرغۇن تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نۇر ھەرىكىتى موڭغۇلىيەدىكى نەچچە مىڭلىغان كۆز كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنى قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشتۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، جۇڭگو قىزىل كېرزىت جەمئىيىتى 2017-يىلى «پەرىشتە-سەپىرى بىر بەلباغ، بىر يول ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش پىلانى»نى رەسمىي باشلىغان، جۇڭگو قىزىل كېرزىت چەتئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئۇدا ئىككى يىل موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇرغا بېرىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 250 دىن ئارتۇق تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللاپ چىقتى ھەمدە جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئوپېراتسىيەگە ماس كېلىدىغان 100 بالىنى تۆت قېتىم جۇڭگو بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ خۇاشىن دوختۇرخانىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدى.

بولېرمانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ يىل قانات يايدۇرۇلغان يېڭى بىر باسقۇچلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە يەنە تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 100 بالا جۇڭگونىڭ كۆكخوت ۋە ۋۇشىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا داۋالىنىدىكەن.
بۇ يىل 6-ئايدا، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول نۇر سەپىرى» موڭغۇلىيە ھەرىكىتى ئۇلانباتۇردا رەسمىي باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە، جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى موڭغۇلىيەدىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن 1000 بىمارنى ھەقسىز كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىدۇ.
بولېرما خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر موڭغۇلىيەدە 300 دىن ئارتۇق ئادەم ھەقسىز كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى. قايتا يورۇقلۇققا چىققان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جۇڭگودىن كەلگەن ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردىن بەك مىننەتدار بولدى.

ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل 6-ئايدا موڭغۇلىيە قىزىل كىرېست جەمئيتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئىلغار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن موڭغۇلىيەدىكى تۇنجى «جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيەلەش مەركىزى» قۇرۇلدى. بۇ مەركەز ھەر ھەپتىدە ئاممىنى ئۈچ قېتىمدى تۆت قېتىمغىچە جىددىي قۇتقۇزۇش جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ. بۇ موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ساھەسىدىكى مۇھىم نەتىجىسى.

بولېرما مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، موڭغۇلىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش، قاتناش ھادىسىسى، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有