\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھۈجەيرە بىلەن ئوكسىگېننىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشىدىكى سىر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 13:26

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئوكسىگېن ھاياتلىقنىڭ بىرىنچى تەلىپى، ئوكسىگېننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى گەرچە ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە ئايان بولسىمۇ ئەمما ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق ماسلىشىدىغانلىقى بىزگە ئۇزۇن زامانلارغىچە نامەلۇم ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۈچ ئالىم ھۈجەيرىنىڭ قانداق قىلىپ ئوكسىگېن بىلەن ھەمتۈرتكە بولىدىغانلىقىدىكى سىرلىق پەردىنى ئېچىپ تاشلىدى ھەمدە 2019-يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇكاپات باھالاش كومىتېتى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىلىق ئالىم ۋېليام كەيلىن، گرەگ سېمانزا ۋە ئەنگلىيەلىك ئالىم پېتىر رەتكلىفنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ھاياتلىقتىكى ئەڭ نېگىزلىك ماسلىشىش جەريانىنىڭ مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىپ، بىزنىڭ ئوكسىگېن سەۋىيەسىنىڭ قانداق قىلىپ ھۈجەيرە مېتابولىزمى ۋە فىزىيولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزگە ئاساس سېلىپ بەردى، بۇ بايقاشلار ئىنسانلارنىڭ قان ئازلىق كېسىلى، راك ۋە نۇرغۇن باشقا كېسەللىكلەرگە قارشى يېڭى تەدبىر تۈزۈشىگە يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لەندار جونسۇن باھا بېرىپ: بۇ دەرسلىك كىتاب دەرىجىسىدىكى بايقاش بولدى دېدى.

ئۇزاق تەتقىقات جەريانىدا ئىنسانلار ۋە باشقا ھايۋاناتلاردىن ھۈجەيرىنى تولۇق ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان بىر قاتار مېخانىزم ئىشلەپچىقىرىلدى، ئالايلۇق ئىنسانلارنىڭ بويۇن ئارتېرىيە تېنىدە ئوكسىگېن سەۋىيەسىنى سېزەلەيدىغان ئالاھىدە ھۈجەيرە بار، 1938-يىلىدىكى نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارغا بېرىلدى، شۇ يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەتقىقاتتا ئارتېرىيە تېنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قان ئوكسىگېن سەۋىيەسىنى سەزگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ چوڭ مېڭە بىلەن ئالماشتۇرىدىغانلىقى ۋە نەپەس رىتىمىنى تەڭشەيدىغانلىقى ئېچىپ بېرىلدى.

ئارتېرىيە تېنىنىڭ نەپەسنى تەڭشەپ كونترول قىلىش مېخانىزمىدىن باشقا ھايۋاناتلارنىڭمۇ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشكە قارىتا تېخىمۇ نېگىزلىك فىزىيولوگىيەلىك ماسلىشىش مېخانىزمى بار، ئالايلۇق، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بەدەندىكى تۈرلۈك توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىل ئەھۋالدا، بىر ئاچقۇچلۇق فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاس شۇ بولىدىكى بەدەندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان EPO نىڭ ھورمۇن مىقدارى ئۆرلەيدۇ بۇنىڭ بىلەن يىلىك پەيدا قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىگە ئوكسىگېن يەتكۈزۈش سىگنالى بېرىلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، رەتكىلىف بىلەن سېمانزا بۇ بايقاشنىڭ ئارقىسىدىكى مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有