\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شوتلاندىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەسىلىسىدىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-17 18:04

ئەنگىلىيە شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى، شوتلاندىيە مىللەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ستېركىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئابېردىندا، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن شوتلاندىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىل بولۇشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشى، كېلەر يىلى چوقۇم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىغا قوشۇلۇشىنى رەسمىي تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغان» ئارقا كۆرۈنۈشتە، شوتلاندىيەدە مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئارىلىشتىن ساقلىنىش سادالىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئەنگلىيەدىن ئايرىلىش» مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شوتلاندىيە يەرلىك ھۆكۈمىتىنى باشقۇرىدىغان مىللەت پارتىيەسىنىڭ يىللىق پارتىيە قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئابېردىندا ئاخىرلاشتى. ستېركىن يىللىق يىغىندا «مۇستەقىللىق ۋاقىت جەدۋىلى»نى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

مىللەت پارتىيەسى شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى نىشان قىلدى، بۇ پارتىيەنىڭ يىللىق يىغىنىنى بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر «مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى كۆزنىكى» دەپ ئاتىدى. بەزىلەر يىللىق يىغىننىڭ ئابېردىندا ئۆتكۈزۈلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ شەھەر «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»قا ئەگىشىپ يەنە بىر قېتىم جۇش ئۇرۇپ تۇرغان مۇستەقىللىق دولقۇنىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارىدى.
ئابېردىننىڭ «شىمالىي دېڭىز نېفىت شەھىرى» دېگەن نامى بار. شىمالىي دېڭىزدا نېفىت بايقالغاندىن كېيىن، ئابېردىننىڭ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشتى. نۆۋەتتە، ئابېردىندىكى 37 خەلقئارا سۇ ترانسپورتى مەنزىلى ئىچىدە 14 ياۋروپا دۆلىتى بار .

ياۋروپا ئىقتىسادى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان ئابېردىندا نۇرغۇن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىش تەرەپدارلىرى» بار. ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئابېردىندا مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىن ساقلىنىش سادالىرى قايتا كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل 8-ئايدا، ئابېردىندا مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، تەشكىللىگۈچى تەرەپ نامايىشچىلار 12 مىڭدىن ئاشتى، دېدى. بۇ شوتلاندىيەدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇستەقىللىق نامايىشلىرىنىڭ بىرى.

بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىندا ستېركىن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نىڭ شوتلاندىيەنىڭ گۈللىنىشىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شوتلاندىيەنىڭ ياۋروپا ئورتاق بازىرىدا قېلىپ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر شوتلاندىيە بىر مۇستەقىل ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالسا، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ، ھەم ياۋروپا ئورتاق بازىرىدا قالىدۇ، ھەم «ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېقىن قوشنىسى» بولۇپ، «يەر شارى بويىچە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدىغان ماگنىت» غا ئايلىنىدۇ.

مىللەتلەر پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شوتلاندىيەنىڭ سەنئەت ساھەسى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى بەزى مەشھۇر ئەربابلار «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ستېركىنغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئەگەر بىرلەشمە پادىشاھلىق دۆلىتىدىن چېكىنىپ چىقمىسا، شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»، دېدى.

يىللىق يىغىن نەق مەيدانىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى توسۇش»قا ئائىت لوزۇنكىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بەزى مۇنبەر پائالىيەتلىرىنىڭ باياناتچىلىرى ھەتتا «مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قانداق قايتىش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. ستېركىن يىللىق يىغىندا مۇستەقىللىق نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن مۇناسىۋىتى ۋەزىرى مايكول لاسسېل يىللىق يىغىندا: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ھەممىنى ئۆزگەرتتى، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان»دىن كېيىن، شوتلاندىيە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئېنىقلاپ، تەپسىلىي ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش» خەۋپ -خەتىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى شوتلاندىيەدە «ئەنگلىيەدىن ئايرىلىش» سادالىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى، شوتلاندىيە مىللەت پارتىيەسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشقا قارشى تۇرۇش» مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، 2-قېتىملىق مۇستەقىللىقنى ئومۇم خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش سىياسىي تەدبىرىنى تېز سۈرئەتتە يولغا قويماقچى بولدى.

ئابېردىن داشۆسى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى مايكىل كىدىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر مۇستەقىللىق «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» شورلاندىيەگە ئېلىپ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ھازىر شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەقىقەتەن ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ ، «پارتلاش نۇقتىسى»غا بېرىپ يەتتى.

ئەنگلىيە مىللىي ئايرىمىچىلىقتىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە «شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق» ساداسى ئەڭ يۇقىرى بولدى، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ باش كۆتۈردى. 2014-يىلى 9-ئايدا، شوتلاندىيە ئەنگلىيەدىن ئايرىلىش-ئايرىلماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا %55 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، %45 ئاۋازنىڭ قوللىشىدەك نەتىجە بىلەن ئەنگلىيەدە قېلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن «ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش» سادالىرى ئەزەلدىن پەسەيمىدى .

شوتلاندىيە مىللەت پارتىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2 - قېتىملىق مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش قانۇن لايىھەسى 2017-يىلى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دەپ قارىدى: 2014-يىلىدىكى شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى كۆپ قىسىم شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئېنىقسىزلىقىنى كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە مىللەت پارتىيەسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» تىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ چوڭ يۆنىلىشىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىسىمۇ، لېكىن مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت.

مىللەت پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى كېلەر يىلى ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئۈستىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شوتلاندىيە مىللەت پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى ئېرىكىس نېل مۇنداق دېدى: مىللەت پارتىيەسى 2021 - يىللىق پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئەل رايىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ستېركىن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش شەكلى ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى قانۇنلاشتۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. ئۇ يىغىن مەزگىلىدە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنگلىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە لىبورېستلار پارتىيەسىنىڭ شوتلاندىيەنىڭ 2-قېتىملىق مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازىغا قويۇشىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە بۇنى لىبورېستلار پارتىيەسى رەھبىرىنىڭ دوۋنىڭ كوچىسىغا كىرىشىنى قوللاشتىكى ئالماشتۇرۇش شەرتى قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有