\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەلىك «ئايال ئالاھىدە خادىم» قويۇپ بېرىلىپ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئامېرىكىنى خورلىدى دەپ شىكايەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-31 16:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكىدا «چەت ئەلنىڭ قانۇنسىز ۋاكالەتچىسى بولۇش» جىنايىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان رۇسىيە پۇقراسى بۇتىنا 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسىيەگە قايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسلىم بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا مۇنداق دەپ قارىدى: بۇتىنا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى.

بۇتىنانىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى دىرسكولنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇتىنا ئەسلىدە كېلەر ئايدا ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى بىر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمەكچىكەن، لېكىن ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى پۈتۈنلەي مەخپىي ھالدا موسكۋاغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن، ئامېرىكا دائىرىلىرى ھەتتا بۇتىنانى رۇسىيەگە ئاپىرىپ قويىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرىنىمۇ ئاخىرقى دەقىقىگىچە مەخپىي تۇتقان. بۇتىنا 1988-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،ئامېرىكا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 2018-يىلى 7-ئايدا ۋاشىنگتوندا قولغا ئېلىنغان، ئۇ يېنىك ھۆكۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 12-ئايدا ئامېرىكا تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ يىل 4-ئايدا ۋاشىنگتون فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى بۇتىناغا «چەت ئەلنىڭ قانۇنسىز ۋاكالەتچىسى بولۇش» جىنايىتى بىلەن 18 ئاي نەزەربەنت قىلىش ۋە جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسىنى بەرگەن. لېكىن بۇتىنا مېنىڭ بىردىنبىر جىنايىتىم ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئۆزۈمنى تىزىملاتمىغانلىقىم. ئۇ رۇسىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى زور بولغان ئامېرىكا مەملىكەتلىك مىلتىق جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يادرولۇق چەمبىرىكىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئامېرىكىغا «تەھدىت» سېلىشنى بىرلىكتە پىلانلىدى دەپ قارالغان.

ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ تېلېۋىزىيە مۇخبىرى مۇنداق دېگەن: مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە ئالاھىدە خادىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا مەملىكەتلىك مىلتىق جەمئىيىتى ناھايىتى ئاسان ھۇجۇم قىلىدىغان نىشان ئىكەنلىكى، 35 ئامېرىكا دوللىرى خەجلىسىلا ئەزا بولغىلى بولىدىغانلىقى،ھەر قانداق ئادەم ئەزا بولۇپ كىرسە بولىۋىرىدىغانلىقى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كونسېرۋاتىپلار چەمبىرىكىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىنى ئىيتقان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ قالتىس جاسۇسلۇق ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى، بۇتىنانىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئامېرىكا مەملىكەتلىك مىلتىق جەمئىيىتىنى نىشانلىغانلىقىنى، چۈنكى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ كونسېرۋاتىپ ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كونسېرۋاتىپلار بىلەن تونۇشالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قاراش رۇسىيە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، رۇسىيە دائىرىلىرى مۇنداق دېگەن: ئامېرىكنىڭ بۇتىنا ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى ۋە بېكىتكەن جىنايىتى «سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىككە» ئىگە، بۇتىنا پەقەت رۇسىيە پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا جازالانغان. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئوخشاش بولمىغان سىياسىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن قارشىلىشىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. بۇتىنا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئامېرىكىدا ھازىر رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش كەيپىياتى مەۋجۇت، بۇنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىمىز كېرەك، بۇ دۆلەتكە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ نومۇس.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇتىنا قاماقتىكى مەزگىلدە،ئىنسانپەرۋەلىككە يات مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئۇ دېرىزىسى يوق، چوڭ-كىچىكلىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىچىلىك يالغۇز كىشىلىك كامېرغا قامالغان، بۇنىڭ شارائىتى تېررورچىلارنى قامايدىغان كامىر بىلەن ئوخشاشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنى كېچىچە ئۇخلاتمىغان،يېڭى ھاۋادىن نەپەسلەنگىلى قويمىغان. تۈرمىدە ئۇ يەنە خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىكەن، بولمىسا بەند قىلىنىدىكەن.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇتىنانى ئەيىبلەشكە دائىر چەت ئەلنىڭ قانۇنسىز ۋاكالەتچىسى بولۇش دېگەندەك مۈجمەل قانۇن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي كۈرەش قورالىغا ئايلانغان.

بۇتىنا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتچىسىدىن ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ پائۇل ۋىلاننى قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلامدۇ دەپ سورالغاندا،باياناتچى رۇسىيەنى ۋىلان دېلوسىنى ئادىل سوتلاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىلان بۇ يىل 49 ياش بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 28-كۈنى موسكۋادا قولغا ئېلىنغان. رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇنى جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىگەن. ۋىلان رۇسىيەنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ رۇسىيەگە دوستىنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. موسكۋادىكى بىر سوت مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ۋىلاننى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى 12-ئاينىڭ 29 – كۈنىگىچە ئىككى ئاي ئۇزارتىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有