\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى سايلامنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ:

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-05 17:40

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، باش ۋەزىر بورىس جونسون ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سايلام رىقابىتى خىتابنامىسىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز شەكىلدە ئايرىلىش مەزمۇنىنى يازمايدىكەن.
ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش» مەزمۇنىنى يازماسلىقتا جونسوننىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ئاساسلىق مەركىزى نۇقتىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 10-ئايدا ھاسىل قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.

ئەنگلىيە 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتىدىن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. رەقەملەشتۈرۈش، مەدەنىيەت، تاراتقۇ ۋە تەنتەربىيە ۋەزىرى نىجى مورگان «تايمىس گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۈچۈن ئاۋاز توپلاپ: سايلىغۇچىلار ئەگەر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىپ قوللىسا، «ياۋروپادىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»قا قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن تاشلىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ دېدى.

مورگان مۇنداق دېدى: ئەگەر سىز بۇ قېتىمقى سايلامدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرسىڭىز، سىز (ئەنگلىيەنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن) «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى» ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن بولىسىز. «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش» ئەمەلىيەتتە مۇزاكىرە قىلىدىغان ئىش ئەمەس .

ئەنگلىيە ئەسلىدە 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىپ» بولۇشنى پىلانلىغان، 2019-يىلى 4-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇددىتىنى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگە ئۇزارتتى. بىراق جونسون باش ۋەزىر رىقابىتىگە قاتناشقاندا ئىلگىرى ئەنگلىيەنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆز قەرەلىدە ئايرىلىش»قا يېتەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولدى .

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللىغۇچى پارتىيە-12 ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى پارلامېنت سايلىمىنى چۆرىدەپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىدىن ۋاز كەچسىلا، پارتىيەمىز سايلامدا «كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى» بىلەن بىرلىشىشنى خالايدۇ دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدى.

جونسون 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللىغۇچى پارتىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى پارلامېنتتا ماقۇللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قولغا كەلتۈرگىنىمىز قالتىس بىر كېلىشىم، ھېچكىم بىزنىڭ بۇنداق كېلىشىمگە ئېرىشەلىشىمىزنى ئويلاپ باقمىغان»، «ئەگەر بىز 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى كۆپ ساندىكى ئورۇننى قايتۇرۇۋالساق، بىز كېلىشىمنى ماقۇللىيالايمىز».

جونسون مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تۆۋەن پالاتادىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» قاتمال ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جونسون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىر قەدەر چوڭ ئۈستۈنلۈك بىلەن ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە لىبورېسلار پارتىيەسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان . پەقەت % 10 تىن ئارتۇق سايلىغۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش پارتىيەسىنى قوللىغان، ئەمما بۇ نىسبەت قىسمەن سايلام رايونلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللاش ئاۋازلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، لىبورېسلار پارتىيەسى نامزاتىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有