\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جونسون ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆز قەرەلىدە ئايرىلالمىغانلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم سورىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-06 17:08

ئەنگلىيە 12-ئاينىڭ 12-كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى. نۇرغۇن پارتىيە-گۇرۇھلار 11-ئاينىڭ 3-كۈنى مەيدانىنى بىلدۈردى، باش ۋەزىر بورىس جونسون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆز قەرەلىدە ئايرىلالمىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى؛ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىدىن بولغان نىكېل فاراچ پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا جونسون بىلەن «ئوچۇق ئاشكارا قارشىلاشتى».

جونسون سايلام ئارقىلىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا تېخىمۇ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيە بوشلۇق ئاخبارات قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۆھلىتىنى «قولدىن بېرىپ قويۇش» توغرىسىدا توختالدى، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ «تەسلىم بولۇش» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئۆزىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باش ئېگىشكە مەجبۇرلىماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغانلىقى ۋە قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى. كەچۈرۈم سورىغان سورىمىغانلىقى سورالغاندا جونسون جاۋابەن: شۇنداق، ئەلۋەتتە دېدى.

جونسون بۇ يىل 7-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، تېرېسسا ماينىڭ ئورنىغا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ: ئەنگلىيە چوقۇم 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ » بولىدۇ دېگەن، ئۇنىڭ قوللانغىنى كېلىشىمسىز شەكىل بولسىمۇ، بۇ مەيدان ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

12-ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا، جونسون ئاساسلىقى يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ماقۇللاشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ باشلىقى فاراچ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: مەن 12-ئايدىكى سايلامدا ئورۇن تالاشمايمەن، بەلكى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا باشقىلارنىڭ سايلام رىقابىتىنى قوللاش پائالىيىتىگە ئاتلىنىمەن. جونسوننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىگە قارشى تۇرىمەن.

فاراچ مۇنداق دېدى: مەن ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى» ئۈچۈن قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولۇش مەسىلىسىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئويلاشتىم. مەن ئاخىرى پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىغا قاتناشماي، ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ 600 نامزاتىنى قوللاپ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئورنىنى تالىشىشنى قارار قىلدىم.

فاراچ ئىلگىرى ئۇزۇن ۋاقىت پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان، لېكىن ئىلگىرىكى سايلامدا مەغلۇپ بولغان. ئۇ جونسون يېڭى نۇسخىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىپ، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىشى»نى تاللىسىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ جونسون بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. لېكىن، بۇ تەلىپى ئېتىراپ قىلىنمىدى .

ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە لىبۇروسلار پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ مالىيە ئىشلىرى باياناتچىسى جون ماكدوننېل مۇنداق دېدى: لىبۇروسلار پارتىيەسى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ باي %5 توپتىن ئالىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كۆپەيتىپ، جامائەت تۈرى چىقىمىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ماكدوننېل ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: تاپاۋەت بېجىغا كەلسەك، بىز ئەڭ يۇقىرى كىرىم قىلىدىغان %5 كىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمىز، بۇنىڭ بىلەن % 95 كىشى قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مائارىپ ۋە تەربىيەلەش تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىدىكەن .

ئەنگلىيە ئوپىنېۋم مەسلىھەت بېرىش شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئېرىشكەن قوللاش نىسبىتى % 42 كە يەتكەن، ئۇنىڭدىن قالسا لىبورۇسلار پارتىيەسىنىڭ قوللاش نىسبىتى % 26 كە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئېرىشكەن قوللاش نىسبىتى % 16، ياۋروپادىن ئايرىلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ قوللاش نىسبىتى تەخمىنەن % 10 بولغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有