ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا زاتلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ئۈستىدە توختالدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەيران قالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-28 10:27

يېقىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئەخۇد باراك، كۇبا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئالى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باربالا سۇسانا سانچېس ۋىگنائۇ، مىسىر ئەين شامۇس داشۆسىنىڭ جۇڭگو تەتقىقاتى ۋە خەنزۇ تىلى ئەرەب تىلى تەرجىمانشۇناسلىق پروفېسسورى ناسىر ئابدۇل ئەلى، فرانسىيە لورىئال گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاگون قاتارلىق خەلقئارا زاتلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ئۈستىدە توختالدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن ئاپرىن ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئەخۇد باراك مۇنداق دېدى:«1992-يىلى جۇڭگونى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەن جۇڭگوغا ئون نەچچە قېتىم باردىم. ھەر قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، مەن بۇ دۆلەتنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىدىن ھەيران قالىمەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، تۇنجى قېتىم شاڭخەيگە بارغاندا، شاڭخەيدە تېخى ئايرودرومغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يوق ئىدى، يولمۇ كەڭ ئەمەس ئىدى، پۇدۇڭ بىلەن پۇشىنىڭ قىياپىتىدە روشەن پەرق بار ئىدى. تەخمىنەن 10 يىلدىن كېيىن، مەن شاڭخەيگە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە بارغاندا، بۇ يەردە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىدىم. ئايرودروم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاللىبۇرۇن ياسىلىپ بولغان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئاسما كۆۋرۈكى ھەممە تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. شاڭخەيدە ھەقىقەتەن «بىر يىلدا بىر ئۆزگىرىش، ئۈچ يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى».

ئەخۇد باراك مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خىل تەرەققىيات مېنى «جۇڭگو سۈرئىتى»نىڭ ئارقىسىدىكى سىرغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا قىلدى. جۇڭگونىڭ مۇشۇنداق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن-كۈنگە يېقىنلىشىشىدا مېنىڭچە، جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجايىپ تەشكىللەش ئىقتىدارى، جۇڭگو خەلقىنىڭ لەۋزىدە تۈرۈش، دېگىنىنى قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ياراتتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى بارغانسېرى چوڭايتتى.

كۇبا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئالى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باربالا سۇسانا سانچېس ۋىگنائۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى، جۇڭگو ھازىر مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى، بۇ ئىدىيە كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

باربارا سۇسانا سانچېس ۋىگنائۇ مۇنداق دېدى: كۇبا بىلەن جۇڭگو ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي شارائىتىدا بىر قاتار تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بىز ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە ئىلھام بەردۇق. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرى كۇبانى نۇرغۇن ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، كەلگۈسىدە بىز بۇ تەجرىبىلەرنى كۇبانىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۇبانىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

مىسىر ئەين شامۇس داشۆسىنىڭ جۇڭگو تەتقىقاتى ۋە خەنزۇ تىلى ئەرەب تىلى تەرجىمىشۇناسلىق پىروفېسسورى ناسىر ئابدۇل مۇنداق دېدى:« 1984-يىلى، 20 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا بېيجىڭ تىل شۆيۈەنىدە يەنى ھازىرقى بېيجىڭ تىل داشۆسىگە بېرىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئىلگىرى مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىسى بولغان، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىپ ئون يىل تۈردۈم. بۈگۈنكى كۈندە، مەن ئوقۇتقۇچى بولدۇم، قاھىرەدىكى ئىككى داشۆدە خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتىمەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى، مەنمۇ جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا گۇۋاھ بولدۇم. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مۆجىزە ياراتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جۇڭگونىڭ ئاجايىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، دەپ قارايمەن. جۇڭگو خەلقى بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى يارقىن نۇقتا مېنى ئىنتايىن قايىل قىلدى.

فرانسىيە لورىئال گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاگون مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن 22 يىلدا، مەن جۇڭگوغا 60 قېتىمدەك زىيارەتكە باردىم. ھەر قېتىم بۇ زېمىنغا ئاياق باسقىنىمدا، بۇ يەردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قالىمەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلماقتا. جۇڭگو ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى بىلەن جۇڭگو سىفىرلاشتۇرۇش، يېڭى پارچە سېتىش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىدىن دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلاندى. يېڭىلىق يارىتىشچان، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا زاتلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ئۈستىدە توختالدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەيران قالدى

يېقىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئەخۇد باراك، كۇبا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئالى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى باربالا سۇسانا سانچېس ۋىگنائۇ، مىسىر ئەين شامۇس داشۆسىنىڭ جۇڭگو تەتقىقاتى ۋە خەنزۇ تىلى ئەرەب تىلى تەرجىمانشۇناسلىق پروفېسسورى ناسىر ئابدۇل ئەلى، فرانسىيە لورىئال گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاگون قاتارلىق خەلقئارا زاتلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ئۈستىدە توختالدى،