ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى: ئامېرىكىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 09:42

شياڭگاڭ ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتىدە 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس داۋىد.گودماننىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نېۋت كىنرىچ ئۆزىنىڭ «ترامپنىڭ جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىتى ئالدىدا» دېگەن يېڭى كىتابىدا، ئامېرىكىدىكى كۆپىنچە مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ خاتالىقى بولماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋە ترامپنىڭ بۇ پېشقەدەم مەسلىھەتچىسى ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسىنى جۇڭگوغا دۆڭگەپ قويمىدى، بەلكى ئامېرىكىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا چوقۇم نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئامېرىكىنىڭ بەزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ئاجىزلىقىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە، بىز ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى ۋە مەغلۇبىيىتىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. تۈزۈمىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش جەھەتتە، بىز ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئالغان».
ماقالىدا كىتابتىن بىر قىسىم مەزمۇنلار ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: بۇلار كىنرىچنىڭ ئامېرىكىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ۋە چىرىكلىشىشكە قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن ھەم چوڭقۇر شىكايەتلىرى. ئالايلۇق: «2017-يىلى بالتىموردا 8-يىللىقتىكى %89 ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى، بۇ جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس......»
«مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ۋە ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدا ماتېماتىكا ۋە ئىلىم-پەن ئۆگىنىدىغان ئامېرىكىلىقلار بەك ئاز، ھەتتا ئاسپىرانتتورىيەگە كېلەچەكتىكى ئامېرىكىلىق ئالىملارنى يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك، بۇ جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس......»
«جۇڭگو تەبىئىي پەن ئاسپىرانتلىرىنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشى ئالدىدا، ھۆكۈمەت 1958-يىلىدىكى «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنى» غا ئوخشاش تۈرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى، بۇ جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس......»
«دۆلەت مۇداپىئە ئاپپاراتىمىز ھەرىكەت ئۇسۇلى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ دۋايت ئېزىنخاۋېر ئاگاھلاندۇرغان «ھەربىي سانائەت بىرىكمە گەۋدىسى»نى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس......»
«ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدا بىيۇروكراتلىق ئېغىر، خىراجەت مۇقىم ئەمەس، بۇ جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس...... بىزنىڭ جۇڭگونىڭ تېز يېتىشىۋالغانلىقىغا ھەمدە بىزدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تامامەن ئاساسىمىز بار. بۇلارغا بىز سەۋەبچى، ئۇلار ئەمەس......»
«خۇاۋېي تىرىشىپ دۇنيادا باشلامچىغا ئايلانغان 11يىلدا، كونا ئامېرىكا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ بيۇروكراتلىقى ئېغىر، ئورنى يۇقىرى بولۇپ، 5G ئۈچۈن يەر شارى ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقالمىدى، بۇ جۇڭگونىڭ خاتالىقى ئەمەس......»
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ سابىق باشلىقى ترامپنىڭ يادرولۇق گۇرۇھىنىڭ بىر ئەزاسى، زۇڭتۇڭ ھەققىدە ئۇ پەقەتلا ياخشى گەپ قىلالايدۇ. ئەمما، ئۇ 30 بەتلىك تەپسىلىي ۋە ئېنىق مەزمۇن بىلەن ئامېرىكىنىڭ 5G جەھەتتىكى قىلىدىغاننى قىلماسلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
كىنرىچ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان رىقابىتى «كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت»كە ئىگە، بۇ رىقابەتتە خۇاۋېي ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ «تېخىمۇ ياخشى باھا بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ...... شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ...... جۇڭگو 5G كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەسىنى يولغا قويىدىغان بۇ گۈللەنمە يەر شارى مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن......  2015-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سىمسىز ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى سېلىنمىسى ئامېرىكىنىڭكىدىن 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە كۆپ بولدى...... بۇ مۇسابىقە ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى 20-ئەسىردىكى «مانخاتتان پىلانى» ۋە ئايغا چىقىش قاتارلىق تۈرلەرگە ئوخشاش سەۋىيەگە يەتتى .
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كىنرىچنىڭ ھەقىقىي ئۈمىد قىلىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى.
ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر غەرب مەدەنىيىتى خارابلاشسا، ئۇ جۇڭگونىڭ بىر يۈرۈش ئوخشىمىغان تۈزۈمنى يولغا قويغانلىقىدىن ئەمەس. بەلكى غەربلىكلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىنى يوقاتقانلىقىدىن بولىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كىنرىچ ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسىدىن ئويغىنىپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ چىقارغان يەكۈندە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق تەدرىجىي ئىنكاسى مەغلۇپ بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسى شۇنچە چوڭ، ۋەزىيىتى شۇنچە كۈچلۈك، پەقەت ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ زور تەڭشىلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىزنى خىرىسقا تاقابىل تۇرغۇزالايدۇ . ئامېرىكا تېخنىكا ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى بازارغا ئېرىشىش ھەمدە تېخىمۇ كەڭ ئىتتىپاق قۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى ئېنېرگىيە، بايلىق، قائىدە ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا موھتاج.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كىنرىچنىڭ بايانىدا كۆچمەنلەر سىياسىتى تىلغا ئېلىنمىغان. خۇددى تېكساس يېزا ئىگىلىك ۋە ماشىنىسازلىق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ئېدۋارد.دورتى بۇلتۇر ماقالىسىدا ئېيتقاندەك، ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو، ھىندىستان، ئىران ياكى رۇسىيەلىك زور تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار كېرەك . دورتې مۇنداق دەپ قارىدى: ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇقرالارنى ۋەتەنگە قايتىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ بىر خىل تۇراقسىز ئەھۋال...... ئەگەر بىز ئاسىيا ئىختىساسلىقلىرىغا تايانماقچى بولساق، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى: ئامېرىكىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نېۋت كىنرىچ ئۆزىنىڭ «ترامپنىڭ جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىتى ئالدىدا» دېگەن يېڭى كىتابىدا، ئامېرىكىدىكى كۆپىنچە مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ خاتالىقى بولماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.