ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-27 14:35

2019-يىللىق جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى يېقىندا فىنلاندىيەدە ئاخىرلاشتى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، ئىككى دۆلەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە كېيىنكى قىشلىق ئولىمپىك دەۋرىنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.

12-ئايدا شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە جايلاشقان فىنلاندىيەنىڭ روۋانېمى شەھىرى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، قات-قات ئورمانلار «ئاق تون كىيگەن» ئىدى. بۇ يەر «روژدېستۋا بوۋاي»نىڭ يۇرتى بولۇپلا قالماي، ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرىمۇ قىشلىق تەنھەرىكەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، 2019-يىللىق جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى بۇ يەردە تولۇق ئاخىرلاشتى.

ئىككى يىلغا يېقىن تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ يىل 1-ئايدا، جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى بېيجىڭدا رەسمىي باشلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، قىشلىق تەنھەرىكەت، تەنتەربىيە كەسپى، ئاممىۋى تەنتەربىيە، تەنتەربىيە پەن تەتقىقاتى، تەنتەربىيە مائارىپى قاتارلىق ساھەلەردە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېپىلىش مۇراسىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى فىنلاندىيە ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جىدەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەت يىلى ئىچىدە، ئىككى تەرەپ قىشلىق تەنھەرىكەت باش تېمىسىنى چۆرىدەپ جەمئىي 62 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزدى، بۇ ئەسلىدە بېكىتىلگەن پائالىيەت سانىدىن 20 تۈر ئارتۇق.

تەنھەرىكەت يىلى باشلانغاندا، فىنلاندىيەدە ياۋروپا ئىشلىرى، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى بولغان تالخو: فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى، تەنتەربىيە پەن-تېخنىكىسى، سايمان ياسىمىچىلىقى ۋە مەكتەپ تەنتەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مىنىستىرنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقمىدى. ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگونىڭ قار-مۇز تۈرى تەنھەرىكەتچىلىرى جەمئىي 389 ئادەم قېتىم فىنلاندىيەگە بېرىپ مەشىق قىلغان؛ فىنلاندىيەلىك سەككىز ترېنېر جۇڭگوغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش، شىمالىي ياۋروپا ئىككى تۈرى، مۇز چەينەك ۋە پەشتاقتىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش كوماندىلىرىنى تەربىيەلىگەن.

تەنھەرىكەت يىلى ئىككى دۆلەت تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەسىپلەر ئارا ھەمكارلىقىغا يول ئېچىپ بەردى.دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنتەربىيە ئىقتىساد مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ فۇمىن مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەت يىلى ئىچىدە، ئىككى تەرەپ كۆپ خىل كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 20 نەچچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، نۇرغۇن ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت كەسپىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قىشلىق تەنھەرىكەت يەرمەنكىسىدە، فىنلاندىيەنىڭ يىغىن مەيدانىنىڭ مەركىزىدە كۆلىمى 520 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان كۆرگەزمە سارىيى بار بولۇپ، 40 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە سودىگىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

كونكرېت مىساللار ساناپ تۈگەتكۈسىز. جۇڭگو بىشېڭ تەنتەربىيە مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق ئىككى خىل شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مەشىق بازىسىغا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىشلىق ئىككى تۈرلۈك ئېلېكتىرنلۇق نىشان سىستېمىسى ئورنىتىپ، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەشىق ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ فىنلاندىيەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى «قار ئۆڭكۈرى» تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان جۇڭگو جىلىن بېيشەن تۆت پەسىللىك دالا قار تېيىلىش مەيدانىنى لايىھىلەشكە قاتنىشىپ، كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر ۋە قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى پۈتۈن يىللىق قار ئۈستى مەشىق مەيدانى بىلەن تەمىنلىدى. تەنتەربىيە تېمىسىمۇ باشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى. فىنلاندىيەدىكى داڭلىق بىناكارلىق شىركىتى گۇسۇڭ جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگودا فىنلاندىيە ئۇسلۇبىدىكى قار-مۇز ياغاچ ئۆي ئارامگاھى بەرپا قىلىۋاتىدۇ؛ فىنلاندىيەدە ھەممە ئادەم بىلىدىغان دالا تەنھەرىكەت كىيىم-كېچەك ماركىسى رېما جۇڭگو قار تېيىلىش مەكتىپىگە ياردەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگودىكى داڭقىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى... خۇددى فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى سۇ خەيلەن خۇلاسىلىگەندەك، باش تېما يىلى «ئىككى دۆلەت تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر ھەمكارلىقنىڭ ئابىدىسى»گە ئايلاندى.

دۆلەتلەر ئالاقىسى خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى قەلبكە باغلىق. قار-مۇزنى ۋاستە قىلىش، تەنتەربىيە كۆۋرۈكى ياساش، تەنھەرىكەت يىلى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش، بېرىش-كېلىشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. فىنلاندىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىكى ۋاتىسكارتنىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ زور تۈركۈمدىكى كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ مەشىق قىلىپ، مۇسابىقىلىشىپ، بۇ كىچىك بازارنىڭ «دائىملىق مېھمىنى»بولۇپ قالدى. دۆلەت كوللېكتىپ تەربىيەلەش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ مەشىق بازىسىدا چەتئەللىك تېرىنىر، مۇلازىمەتچىلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئىناق-ئېجىل ئۆتىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى ئېيتتى.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار قىشلىق تەنھەرىكەتكە قىزىقىپ قالدى ھەمدە فىنلاندىيەنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى چۈشىنىدىغان، ھېس قىلىدىغان ساياھەت رايونى دەپ قارىدى. فىنلاندىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ ئايلىق ساياھەت زاكىزىغا ئاساسەن، بۇ يىل 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە 140 مىڭ جۇڭگولۇق ساياھەتچى فىنلاندىيەگە بارىدىكەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 16 ئاشىدىكەن. ئوتتۇرا قىسىمدىكى كىچىك بازار پوئولانكادىكى پارياكا ئارامگاھى، ھەتتا ياتاقنى ئالدىن كېلىشكەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، ئۇلارنى سەككىز ئۆمەككە بۆلۈپ نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

فىنلاندىيەنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى خاننا كوسونىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگولۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن بىلىم، كەسپىي ماھارەت ۋە مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن دېدى.

1952-يىلى خېلسىنكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە فىنلاندىيە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلىدا يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى داۋاملىق يېزىلىۋاتىدۇ. خۇددى فىنلاندىيەنىڭ شۇ چاغدىكى بىرىنچى مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى خاتتانىننىڭ تەنھەرىكەت يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئېيتقاندەك، فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، تەنھەرىكەت يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي يېڭى باشلىنىش. ئىككى دۆلەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە كېيىنكى قىشلىق ئولىمپىك دەۋرىنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا

2019-يىللىق جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى يېقىندا فىنلاندىيەدە ئاخىرلاشتى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا،