ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېس كابىنېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 10:16

ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېس 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كابىنېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى رەسمىي تەشكىللىدى. تەھلىلچىلەر: كابىنېتنىڭ تەشكىللىنىشى ئىسپانىيەنىڭ نەچچە ئايغا سوزۇلغان كابىنېت تەشكىللەش كىرىزىسىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى پارلامېنتتا ئاز سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەچكە، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشۈشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا سانچېس ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان 2019-يىللىق ھۆكۈمەت مالىيە خامچوت لايىھەسى پارلامېنت تەرىپىدىن رەت قىلىندى، سانچېس 4-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن سانچېس رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا سول قانات ئىشچىلار سوتسىيالىستلار پارتىيەسى سايلامدا ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشەلمەي، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئامالسىز قالدى، باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللەش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمۇ ئاخىر مەغلۇپ بولدى. ئىسپانىيە ئاخىر ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا يەنە بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، لېكىن ئىشچىلار سوتسىيالىستلار يەنىلا ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشەلمىدى. بىراق بۇ قېتىم، ئىشچىلار سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بىلەن سول قانات پارتىيە «بىز قابىل» پارتىيەسى ناھايىتى تېزلا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. سانچېس 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇشتا ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ھازىر يېڭى كابىنېتنىڭ تەشكىللىنىشى بۇ قېتىمقى كابىنېت تەشكىللەش كىرىزىسىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش-ساقلىيالماسلىقى ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش-يۈرگۈزەلمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان بىرىنچى مۇھىم ئامىل. ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىكى سايلامدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشچىلار سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بىلەن «بىز قابىل» پارتىيەسى بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئەيىبلەش پاتقىقىغا پېتىپ قالغانىدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى تاراتقۇلار «ئىككى پارتىيە ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا پىچاق ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ قارىدى، بۇنىڭ سەۋەبى: «بىز قابىل» پارتىيەسى سانچېستىن بۇرۇن ئۆز پارتىيەسىنىڭ كابىنېت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان؛ تۆت مۇئاۋىن باش ۋەزىر تەيىنلەش ئىسپانىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، سانچېس بۇ ئارقىلىق ئېگلېسىئاسنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىراق سانچېس 1-ئاينىڭ 12-كۈنى: گەرچە ئىلگىرى ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئىككى پارتىيە ئورتاق نىشانغا قاراپ تىرىشىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى، دېدى.

ئىككى پارتىيە پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلاردا بىردەكلىكنى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسىسىنىڭ باشقا مەسىلىلەردە ئەركىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى پارتىيە نۆۋەتتە بىر تۈرلۈك يۈرۈشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساقلاش كېلىشىمى» ئىمزالاشقا قوشۇلدى.

يېڭى ھۆكۈمەت ئىچكى قىسىمدا ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا موھتاج بولغاندىن باشقا، تاشقى قىسمىدىمۇ غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى پارتىيە ئاۋام پالاتاسىدا پەقەت 155 ئورۇننى ئىگىلىدى، ئەمما بۇ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئېھتىياجلىق بولغان 176 ئورۇندىن تۆۋەن تۇرىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتتا تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللىشىنىڭ غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىللىق ھۆكۈمەت مالىيە خامچوت لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىش-ماقۇللانماسلىقى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆتكەن يىلى ئىككى قېتىملىق سايلام ۋە كابىنېت تەشكىللەش قاتماللىقى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خامچوت لايىھەسىنىڭ ماقۇللانماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللاش ئۈچۈن، سانچېس ھۆكۈمىتى پارلامېنتتا ئورنى بار باشقا پارتىيە-گۇرۇھلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى ياكى ھېچ بولمىغاندا قارشى تۇرماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

كاتالونىيە مەسىلىسىمۇ يېڭى ھۆكۈمەت دۇچ كەلگەن خىرىسلارنىڭ بىرى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدىكى «مۇستەقىلچىلەر»نىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى تۈرمىگە سولاشقا ھۆكۈم قىلىپ، كاتالونىيە رايونىدا نارازىلىق نامايىشى قوزغىغان ھەمدە نۇرغۇن پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ سانچېسقا كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقى بېرىشكە قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىق توغرىسىدىكى ئاۋاز بېرىشتە «مۇستەقىلچىلەر» پارتىيەسى بولغان كاتالونىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى سول قانات پارتىيەسىنى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، ئىشچىلار سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بۇ پارتىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت كاتالونىيە رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان سۆھبەتنى باشلايدۇ. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كاتالونىيە جۇمھۇرىيەت سول قانات پارتىيەسى كاتالونىيە رايونىدا بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئومۇم خەلق ئارىسىدا مۇستەقىل ئاۋازغا قويۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن چېكى ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىش ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت دائىرىسىنى كاتالونىيەنىڭ ئاپتونومىيە قانۇن-نىزاملىرىنى ئىسلاھ قىلىشقىچە چەكلەشتىن ئىبارەت. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى نىشان بەك يىراق.

بىراق كاتالونىيە جۇمھۇرىيەت سول قانات پارتىيەسىمۇ بىر كوزىر، يەنى پارلامېنتتا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خام چوت لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بېرىدۇ. ئەگەر بۇ پارتىيە مۇشۇنداق قىلسا، خامچوت لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ قىيىنچىلىقى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ. خامچوت لايىھەسى ماقۇللانمىسا، سانچېس ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تېرىكىشىش ئىسپانىيە سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېس كابىنېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېس 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كابىنېت تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى رەسمىي تەشكىللىدى