ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىۋىيە «ئاجىز» ئۇرۇش توختىتىشقا باشلىدى، كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 10:48

لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ساراج ۋە قوراللىق كۈچ «خەلق ئارمىيە»سىنىڭ رەھبىرى خافتار 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئايرىم-ئايرىم رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا باردى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە: ئىككىيلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىشى مۇمكىن دېيىلدى. ئىككى تەرەپ قىسىملىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشقا باشلىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈركىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىدە لىۋىيە ئۇرۇشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىز كەسكىنلىشىپ، ۋاقتىنچە پەسىيىشتەك «چوڭ داۋالغۇش»نى باشتىن كەچۈردى. گەرچە توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىشىگە ئەگىشىپ يەنە بىر قېتىم داۋالغۇشى مۇمكىن.

لىۋىيە 2011-يىلى كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن داۋالغۇش ئىچىگە كىرىپ قالدى، نۆۋەتتە ئىككى چوڭ كۈچ تىركىشىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى غەربىي قىسىمدىكى قىسمەن رايونلارنى كونترول قىلىۋالدى، «خەلق ئارمىيە»سى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى بىرلىشىپ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلار، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ۋە قىسمەن غەربىي قىسىمدىكى شەھەرلەرنى كونترول قىلدى. بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى: «خەلق ئارمىيە»سى دائىرىلىرى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە، فىرانسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى قاتار، تۈركىيە، ئىتالىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى دەپ قارىدى.

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، تۈركىيە پارلامېنتى ئۆز دۆلەت ھۆكۈمىتىگە لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقى بەردى، لىۋىيە ئۇرۇشى ئارقىدىن بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى. مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى «خەلق ئارمىيە»سىنى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى پايتەخت تىرىپولىدىكى مىتىگا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا 20 دىن ئارتۇق راكېتا بومبا قويۇپ بەردى، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تىرىپولىدىكى بىر ھەربىي شۆيۈەنگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. «خەلق ئارمىيە»سى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى: مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن تىرىپولىنىڭ شەرقىگە 450 كىلومېتىر كېلىدىغان پورت شەھىرى سۇرتنى تارتىۋالدۇق دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر لىۋىيە ۋەزىيىتىنى «پەسەيتىش» ئۈچۈن، پائال ياراشتۇرۇش ئېلىپ باردى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە لىۋىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. پۇتىن 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلىشىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، يەنە زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بېرلىندا لىۋىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىرتنىڭ ياراشتۇرۇشى ئالدىدا، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مۇراجىئىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «خەلق ئارمىيە»سىمۇ: مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى ئارمىيەسى ئۇرۇش توختاتسىلا، بىزمۇ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ھەربىي ھەرىكىتىمىزنى توختىتىمىز، دەپ جاكارلىدى.

مۇتەخەسىسلەر: لىۋىيە ۋەزىيىتى تاشقى ئامىللارنىڭ ناھايىتى زور تەسىرىگە ئۇچرىماقتا دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا ئافرىقا تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ جىنيەن مۇنداق دېدى: «خەلق ئارمىيە»سى ئۇرۇش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، بۇ قېتىمقى «كۆزىتىش خاراكتېرلىك ئۇرۇش توختىتىش» رۇسىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراشتىن بولغان.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ھەقىقىي ئۆز-ئارا ئىشەنمىگەچكە، تاشقى قىسىمدا يەنە مۇرەككەپ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىركىشىش ئامىللىرى بار بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.

ۋاڭ جىنيەن مۇنداق دېدى: مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش-توختاتماسلىقى، ئالاقىدار «ئىتتىپاقداشلار»نىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقى «خەلق ئارمىيە»سىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر: نازارەت قىلىش مېخانىزمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇرۇش توختىتىش ئىستىقبالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىدى. لىۋىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى خالىد مونتاسىل مۇنداق دېدى: توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپ خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق بىر تەرەپ ماھىيەتلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەك.

لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىشى توغرىسىدا، لىۋىيە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى مىللۇد ھاجى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئاساسلىقى بەزى دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى ھەققىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە باغلىق، مەيلى مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى «خەلق ئارمىيە»سى بولسۇن بۇنىڭغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلىشى ناھايىتى تەس. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قوللىشى لىۋىيە ۋەزىيىتىنى بارغانسېرى «سۇرىيەچىلەشتۈرۈۋېتىپ»، «خەلق ئارمىيە»سىنى قوللايدىغان تېخىمۇ كۆپ تاشقى كۈچلەرنىڭ لىۋىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئەسكەر يەتكۈزۈپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، توقۇنۇش دائىرىسى ھەتتا لىۋىيەنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى شەھەرلەرگىچە كېڭىيىشى مۇمكىن.

بىراق يەنە بەزى قاراشلاردا: لىۋىيە تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردىمىدە كىرىزىستىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن دەپ قارالدى. لىۋىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى فاراج تىكبالى مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن تۈركىيە لىۋىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىش داۋاملىشالماسلىقى ھەتتا سىياسىي سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرتكىسىدە لىۋىيە كىرىزىسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد بار.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىۋىيە «ئاجىز» ئۇرۇش توختىتىشقا باشلىدى، كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ

لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ساراج ۋە قوراللىق كۈچ «خەلق ئارمىيە»سىنىڭ رەھبىرى خافتار 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئايرىم-ئايرىم رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا باردى