ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى دېزىنفېكسىيە قىلىش توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-11 14:52

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا داۋاملاشماقتا، قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئۆزىنىڭ خەنزۇچە تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىسپىرت، خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئولتۇرا بىنەپشە نۇر قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر پۈتۈن بەدەنگە ئىسپىرت پۈركىمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: پۈتۈن بەدەنگە ئىسپىرت ياكى خىلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش دورىسىنى چاچسا بەدەنگە كىرگەن ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل ماددىلارنى چاچسا كىيىم-كېچەك ياكى ئېغىز، بۇرۇن، كۆز قاتارلىقلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىسپىرت ۋە تەركىبىدە خىلور بولغان دېزىنفېكسىيە دورىسى جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قول قۇرۇتقۇچ 30 سېكۇنت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلەيدۇ دېيىلمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ يالغان ياۋىداق سۆزگە قارىتا، قول قۇرۇتقۇچ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دائىم تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ھەمدە يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن قەغەز بىلەن ئېيتىۋېتىش ياكى قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرتىۋېتىش لازىم.

ئولتۇرا بىنەپشە نۇر چىرىغىنى قول ياكى باشقا تېرە قىسىملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى تېرىگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن.

دېزىنفېكسىيە قىلىش خاتا قارىشىدىن باشقا، توردا يەنە ئاممىنى خاتا يېتەكلەيدىغان يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «رېتسېپ» لار پەيدا بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سامساق يېيىش، تۇز بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى چايقاش، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش ياكى بۇرۇن بوشلۇقىغا كۈنجۈت يېغى تېمىتىش ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە  ئىسپات يوق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى دېزىنفېكسىيە قىلىش توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا داۋاملاشماقتا، قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.