ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:04

داڭلىق پاتولوگ، گوللاندىيە گرونىنگېن داشۆسىنىڭ سابىق مۇدىرى سىبراند پېمپمان يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو كۈچلۈك، تېز ھەرىكەت قوللاندى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، جۇڭگو ئالىملىرى ئىنسانىيەتنىڭ بۇ خىل يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى تونۇشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن دۇنيادىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بۇ ۋىرۇس تەتقىقاتىنىڭ نامەلۇم ساھەسىنى ئېچىپ بېرىدۇ.»

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى تارىختا ئەڭ تېز بولدى». پېمپمان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ نۇرغۇن نامەلۇم ساھەلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى بەكمۇ مۇھىم بولدى.

دۇنياغا داڭلىق پاتالوگ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پېمپمان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا، جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ تۆھپىسىگە  يۇقىرى باھا بەرمەكتە.

پېمپمان مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تېز سۈرئەتتە ۋىرۇسنى ئايرىپ چىقىپ، گېن تەرتىپىنى ئۆلچەپ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەمدە دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىلەندى، بۇ غايەت زور تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ، كېيىنكى داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

پېمپمان  مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھەسى بار، پۈتۈن دۇنيادىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى ئىزدەش، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى تاللاش قاتارلىق ئىشلارنى باشلىدى، بۇ ساھەلەردە ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا ئىشەنچىم كامىل، دېدى.

جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. پېمپمان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش يۇقۇم ئالدىدا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تاللايدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان زىيادە ئىنكاسىغا قارىتا، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۈمىد قىلمايدۇ، «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىلمىي تونۇش بولۇشى كېرەك، زىيادە تەشۋىشلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق».

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو كۈچلۈك، تېز ھەرىكەت قوللاندى