ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-19 14:27

يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمغا قارشى قەتئىي جەڭ قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر پارتىيەلىرى، مۇھىم سىياسى ئەربابلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ: جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى تېزدىن يېڭىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دەپ ھىسابلىدى.

دومىنىكا زۇڭلىسى سكېررىت يېقىندا كابىنېتتىكى بارلىق ئەزالارنى باشلاپ مەخسۇس جۇڭگونىڭ دومىنىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا كېلىپ، دومىنىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگودىن ھال سورايدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سكېررىت مۇنداق دېدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دومىنىكا بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ ۋە چىن كۆڭلىدىن قايىل. دومىنىكا قەتئىي جۇڭگو بىلەن بىرگە تۇرىدۇ.

گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى كونتې جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن  بالدۇر غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېر زۇڭتۇڭى يۈسۇف جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كۈچىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تەجرىبىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا ھەمدە جۇڭگودىكى نىگېرلىك ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
توگو زۇڭتۇڭى فائۇرې جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قوللانغان تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىبېرىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى چامبېرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشى ئۆزگىرىش بولۇپ، باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ جۇڭگو قوللانغان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە ئىلغار تېخنىكا سەۋىيەسىگە تايىنىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم بالدۇر غەلىبە قىلالايدۇ.

نېگىرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرى مايناسارا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشى،  بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو خەلقى بىر نىيەتتە تىرىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. نىگېر خەلقى جۇڭگو خەلقىگە مەدەت بېرىدۇ، غەلىبە جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ، يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدۇ.

ئەرەب سەھىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 53-قېتىملىق يىغىنىدا يېقىندا بايانات ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلدى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا جۇڭگونىڭ ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش،  تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە خەلقئارا سەھىيە نىزامىغا ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىغا ئىجابىي باھا بېرىلدى.

جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇۋەققەت ئىجرائىيە كاتىپى نورىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىشلىرى ھەققىدە جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، رايون ۋە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ

يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمغا قارشى قەتئىي جەڭ قىلدى.