ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم لايىھەسى بولۇپ قالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 13:17

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو «جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داۋالاشقا باشتىن ئاخىر چوڭقۇر كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك رېتسېپلىق دورىلار ۋە تەييار دورىلارنى ۋاقتىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، يېنىك ۋە ئادەتتىكى كېسەللەرنىڭ ئېغىرغا ئۆزگىرىشى، ئېغىر كېسەللەرنىڭ خەتەرلىك كېسەلگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تېببىي خادىملىرى بارلىق ئاماللار بىلەن بىمارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالىدى، ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ۋېنگىرىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مەجىش پېتىر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ داۋالاش خادىملىرى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو تېبابىتى-جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ گۆھىرى بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن. نۇرغۇن پاكىتلار جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

سىنگاپوردا چىقىدىغان « دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى»دە جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ تېببىي خادىملىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ۋە غەربچە دورىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى، دەپ قارىدى.

مالايسىيەنىڭ «يۇلتۇز گېزىتى» تور بېكىتىدە «جۇڭگو تېبابىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاشتا كەڭ دائىرىدە قوللىنىلدى ھەمدە ئۈنۈمى ياخشى بولدى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق، كېسىلى يېنىك بىمارلارنىڭ قىزىش، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەسەيدى، ئېغىر كېسەللەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىدى، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، كېسەللىك ئەھۋالى كونترول قىلىندى. جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگودا داۋالاپ ساقايتىلغان بىمارلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

خەلقئارا كىلىنىكىلىق باھالاش كۆرسەتكۈچىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كېسىلى يېنىك بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋالاش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھالقىلىق كۆرسەتكۈچ-ئېغىرلاش نىسبىتى دەپ قارالدى.

كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قىزىش، يۆتەلنى يېنىكلىتىش، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن. گېرمانىيەلىك ۋىرۇسشۇناس چىناتېر يېقىندا جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىگە يېپىشىشىنى، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، جۇڭگونىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋىدېيو ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى كەسىپداشلار بىلەن جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا ئالاقىدار تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ بولى مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگودا دېياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئىچىدە، داۋالاش جەريانىدا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىشلىتىلگەن بىمار ٪90تىن ئاشتى. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر قاراتمىلىق ھالدا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى سورىدى، جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى.

كۆپلىگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئامېرىكىدا يامرىشىغا ئەگىشىپ، زۇكامنى داۋالاش ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشقان. «نىيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ بېشىدا نىيۇيورك شەھىرىدە تۇنجى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى پەيدا بولغاندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا بولغان ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئېشىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى تارتقان ۋە ئېتىراپ قىلىنغان. «پارلامېنت تېغى گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا خەلقىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى.

ھىندىستاننىڭ پەنجاب ئىشتاتىدىكى كېدىخۇا يىڭنە سانجىپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ئاندېجىت سىنگى مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو تېبابىتى بىلەن داۋالاش لايىھەسىنىڭ ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەمەلىيەت ، جۇڭگو تېبابىتىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

موڭغۇلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو موڭغۇلىيەنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىسى ئارقىلىق يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە قوللىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، موڭغۇلىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەركىزى يېقىندا ئالاقىدار جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلىتىپ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشنى باشلىغان.

ۋېنگىرىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مەجىش پېتىر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى بىمارلارنى قاراتمىلىق داۋالاپ، كېسەللەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ياۋروپا ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا بارغانسېرى كەڭ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشتى. جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم لايىھەسى بولۇپ قالدى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تۆھپە قوشماقتا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم لايىھەسى بولۇپ قالدى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو «جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داۋالاشقا باشتىن ئاخىر چوڭقۇر كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،