ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 12:13

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يەر شارىدا يامرىماقتا، ئەلپازى يامان بولغان بۇ قېتىمقى يۇقۇم نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار پەيدا بولغان، 460 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملانغان، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.

ھەقىقىي مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە ئايان بولىدۇ. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ قاينىمىغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەرگە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يەر شارىغا ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىماقتا.

يەر شارىدىكى يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو رەھبەرلىرى-ئىنسانىيەت بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق-ئەڭ كۈچلۈك قورال دەپ تەكىتلىدى.

جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ قىممىتىنى شەرھلەپ بەردى. نۆۋەتتە، ياۋروپا-يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر جايغا ئايلاندى. خەتەرلىك پەيتتە، جۇڭگو ئىتالىيە، سېربىيەگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. جۇڭگو بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم ۋىدېيودا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 17 دۆلەت ۋە فىرانسىيە، پورتۇگالىيە، دانىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت بىلەن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قارىشى ۋە ئۇنىۋېرسال تەدبىرلىرى قاتارلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەتكۈزدى.

فىرانسىيە گۇستاۋ رۇسسى ئۆسمە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئۆسمىشۇناسى ژان پېررى ئارماند يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە مول ھەم قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى، بۇ-ياۋروپانىڭ ئەگرى يوللارنى ئاز مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى پائال تەشكىللەپ ئاچتى، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى سورىغان سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بېرىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە تېببىي ساھەسىنىڭ ئوچۇق پوزىتسىيەسى ھەم دۇنيا بىلەن تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سېربلار جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى، سېربلار جۇمھۇرىيىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئامىرا لورىچ بۇ يىغىن ئالاھىدە پايدىلىق، بەك ۋاقتىدا بولدى دېدى. بۇ سۆزلەر يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

ياۋروپا ئۆلچەملىك مېدىتسىنا سۇپىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئىممۇنېتشۇناس جۇلىيا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت-گۇمانىي بىمارلارنى كەڭ دائىرىدە ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ئىلغاپ تەكشۈرۈش، ئۈنۈملۈك ئايرىش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇشنىڭ يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى ياۋروپانىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ساغلاملىق باش مەھكىمىسى، ياۋروپا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، كۆپ قېتىم تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە جۇڭگودىكى يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى، دىياگنوز قويۇپ ئىلغاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون ۋە يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قوشۇلدى. دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئالىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەنمۇ ياۋروپا نەپەس يولى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ۋىدېيودا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياۋروپاغا جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى-ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. جۇڭگو ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولدى.

داۋالاش، سەھىيە شارائىتى نىسبەتەن كەينىدە قالغان ئافرىقىدا، يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش ئەھۋالى بارلىققا كەلدى. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋىدىيو يىغىنىنى ئاچتى، 24 ئافرىقا دۆلىتى ۋە ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ 300 گە يېقىن ئەمەلدارى ۋە مۇتەخەسسىسى تور ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى، يىغىن ئۈچ يېرىم سائەت داۋاملاشتى. جۇڭگونىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاموژنا تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىدى.

ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى ئاممىۋى سەھىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مەسئۇلى راجى جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يېقىندا قۇرۇلغان ئافرىقا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ياردەم بەردى دېدى.

ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئومما چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا، بۇ قېتىمقى ۋىدىيو يىغىنى-ئافرىقا دۆلەتلىرىنى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىدىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش، پايدىلىنىش، يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى دېدى. كېنىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى مۇتاشى كاۋى بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ-ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم، بۇ مول بىلىملەرنىڭ خەلقىمىزگە ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېدى.

جۇڭگونىڭ شاڭخەيدىكى مۇتەخەسسىسلىرى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان دۆلەت كوستارىكاغا ۋىدىيو يىغىنى ئارقىلىق، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، داۋالاش ئۇچۇرلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزدى. كوستارىكا دۆلەتلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ئاگداس بۇ-بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، بىز ئىككى سائەت ئىچىدە ئېرىشكەن تەجرىبىلەر-بىزنىڭ نۇرغۇن كوستارىكالىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ دېدى.

ئوتتۇرا شەرقتە، جۇڭگو باشقىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، مول تەجرىبىلىك داۋالاش ئەترىتىنى ئىران ۋە ئىراققا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قىممەتلىك تەجرىبە ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى يەتكۈزدى. جۇڭگونىڭ ئىرانغا بارغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، ئىران دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يۈرۈش ھەممە ئالدىنى ئېلىش، ھەممە تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىران نۇسخىسىدىكى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنى قۇرۇپ، داۋالاش بايلىقى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

قوشنا دۆلەت كورىيە ۋە ياپونىيەدە، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەسىلىسى ھەققىدىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋىدىيو يىغىنىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئارقىلىق، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن پائال بەھرلەندى، ھەمدە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى مۇستەھكەملىشىنى تەۋسىيە قىلدى. «ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، كۆڭۈللەر يېقىن بولۇش»، «بىر يولدا مېڭىپ، بوران-چاپقۇننى تەڭ باشتىن كەچۈرۈش» يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيەنىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولدى.

ئەلپازى ئىنتايىن يامان بولغان بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئالدىدا، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس. كىرىزىس دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا نىسبەتەن بىر قېتىملىق زور سىناق. ھەر قايسى تەرەپلەر تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھاياتى بىخەتەرلىكنى قوغداشنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېپىلىنى بىرلىكتە ھاسىل قىلىشى كېرەك.

يەر شارىنىڭ «يۇقۇم»غا قارشى جېڭىدە، جۇڭگو دۇنياغا ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس: ۋۇخەن دۇنياغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، يۇقۇم ئىنتايىن ئېغىر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكول.رۇئان مۇنداق دېدى: ۋۇخەن دۇنيا ئەھلىگە بىزنىڭ بۇ خىل ۋىرۇسنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىمىز، ئۇنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىيالايدىغانلىقىمىزنى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تىرىشىشى، ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى، يۇقۇمغا پائال تاقابىل تۇرىدىغان نۇرغۇن مەھەللىلەر، جەسۇر تېببىي خادىملار، نورمال يۈرۈشىدىغان تەمىنات زەنجىرى، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەدىسىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يۇقۇم پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جۇڭگو خەلقى جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە تىزگىنلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۇقۇم پارتلىغاندا، جۇڭگو تەجرىبىسىدىن بەھىرلىنىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت، 10 نەچچە خەلقئارا تەشكىلات ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكىلىق ھۆججەتلىرىدىن بەھىرلەندى.

ئىنسانلار بىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك دۇنياۋى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىپ، ئىس-تۈتەكلەرنى چوقۇم تارقىتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ تاڭ نۇرىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلدى

نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يەر شارىدا يامرىماقتا، ئەلپازى يامان بولغان بۇ قېتىمقى يۇقۇم نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە 180 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار پەيدا بولغان، 460 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملانغان، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.