ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈش ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-22 16:01

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يېقىندا ھۆكۈمەت تورىدا «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈشىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كالېندارى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۈنتەرتىپى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتى، ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر ۋە تەمىنات سودىگەرلىرى، ئۇلاپ تارقىتىش سودىگەرلىرى ۋە تاراتقۇ، خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار، تاماشىبىنلار قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى چۈشەندۈردى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كىرىستوف دۇبى: تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇتلەق يادرونىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، باشقا تەرەپلەر ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

بىرىنچى، يېڭى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈشكە كېچىكتۈرۈلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇنداق دېدى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كېچىكىشى ئالدى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان 206 دۆلەت ۋە رايوندىن كېلىدىغان تەخمىنەن 11 مىڭ تەنھەرىكەتچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كۆپ يىل مەشىق قىلدى، بۇ يىل يازدا ماھارەت كۆرسىتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. ھازىر توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈلۈشىنىڭ %53ى تارقىتىلدى، يەنە %43 تېخى تارقىتىلمىدى. بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش پىلانىنى قايتىدىن تەڭشىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر قوللانغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مەشىقى، بولۇپمۇ كوللېكتىپ تۈر مەشىقى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.

ئىككىنچى، تەنتەربىيە مۇسابىقە كالېندارى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئىنتايىن زىچ ئىدى، خەلقئارا يەككە تۈر تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ۋە كەسپىي تەنتەربىيە ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىنى تەڭشەشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. بىر قىسىم دۇنيا لەۋھە مۇسابىقىسى 2022-يىلغا تەڭشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاپپاراتلار تەمىنات، مالىيە قاتارلىق بىر قاتار خىرىسلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەنھەرىكەتچىلەرمۇ دۇنيا لەۋھە مۇسابىقىسىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلدى.

ئۈچىنچى، ئولىمپىك مۇسابىقە كۈن تەرتىپى. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 33 چوڭ تۈرى بار، بۇلار 42 مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەيدان سارايلارنى كېلەر يىلى يەنىلا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى، ئۇلار مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا، ئوخشاش بىر مەيدان سارايدا ئەسلىدىكى مۇسابىقە كۈن تەرتىپى بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تۆتىنچى ئولىمپىك كەنتى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى: ئولىمپىك كەنتىنى قالدۇرۇپ قويۇش تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ يەنە بىر چوڭ ۋەزىپىسى، دېدى. توكيو ئولىمپىك كەنتى 18 مىڭ كارىۋات، داۋالاش ئۈسكۈنىسى، كۆلىمى 18 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىككى قەۋەتلىك ئاشخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ۋە چېنىقىش ئۆيى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 5000 يۈرۈش ياتاق بىناسى بار ئولىمپىك كەنتى مۇسابىقىدىن كېيىن يەنە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

بەشىنچى، ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر ۋە تەمىنات سودىگەرلىرى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يەر شارىدا 14 ھەمكارلىق ھەمراھى بار، توكيو ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىدا ئوخشىمىغان قاتلامدا 67 ھەمكارلىق ھەمراھى بار. بۇ ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر ۋە تەمىنات سودىگەرلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى شەرتى بويىچە تەييارلىق قىلغان، لېكىن ھازىر ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى.

ئالتىنچى، ئۇلاپ تارقىتىش سودىگىرى ۋە تاراتقۇلار. ئولىمپىك ئۇلاپ تارقىتىش مۇلازىمەت شىركىتى (OBS) ۋە ھوقۇق بېرىلگەن ئۇلاپ تارقىتىش سودىگەرلىرىنىڭ ياردىمىدە دۇنيادا يېرىمىدىن كۆپرەك نوپۇس ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرەلەيدۇ. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھازىر 26 تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئۇلاپ تارقىتىش سودىگىرى ۋە ئولىمپىك قانىلى بار، مۇسابىقە مەزگىلىدە يەنە 300 دىن ئارتۇق ئۇلاپ تارقىتىش سودىگىرىگە تارقىتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. بۇ ئۇلاپ تارقىتىش سودىگەرلىرى مۇددەتتىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن يەر شارى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن ئۇلاپ تارقىتىشنى پىلانلايدۇ. ھازىر ئۇلار ئېلان سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن پىلان تۈزۈشكە موھتاج. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئادەم كۈچىنى كۆپەيتىدۇ، ئالايلۇق، ئوپېراتور، ئاۋاز تېخنىكا خادىمى ۋە سىگنال ماسلاشتۇرغۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھازىر ئۇلار قايتىدىن توختام ئىمزالاپ تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭدىن باشقا توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان مۇخبىر 25 مىڭدىن ئاشىدۇ. توكيو ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە مەركىزىنى خەلقئارا رادىيو مەركىزى ۋە ئاساسلىق ئاخبارات مەركىزىگە ئۆزگەرتىپ، ئۇلاپ تارقىتىش سودىگىرى ۋە تاراتقۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىدۇ.

يەتتىنچى، خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار. خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 150 مىڭ خىزمەتچى، پىدائىي ۋە ھۆددىگەر ئىشلىتىشنى پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى قوبۇل قىلىنىپ بولۇندى ياكى ئىشقا چۈشۈپ بولدى. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى گەرچە پىدائىيلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەر كېلەر يىللىق كۈنتەرتىپ توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن پىدائىيلار مۇلازىمەت پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

سەككىزىنچى، تاماشىبىنلار. نۆۋەتتە تۆت مىليون 480 مىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېلىتى ياپونىيەدە سېتىلىپ بولدى، ياپونىيەدىن باشقا جايلاردا سېتىشمۇ باشلاندى. توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بېلەتنىڭ كېلەر يىلى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى تاماشىبىنلار كۈنتەرتىپ توقۇنۇشى سەۋەبىدىن بېلەتنى قايتۇردى. شۇڭا بېلەت قايتۇرۇش ۋە قايتۇرۇۋېلىپ سېتىش خىزمىتىمۇ خىرىسقا دۇچ كەلدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇنداق دېدى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش گەرچە قىيىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر ئاقىلانە قارار، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ ھەقتە پۈتۈنلەي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كىرىستوف دۇبى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەننەرخنى ئازايتىش ئۈچۈن تەڭشەلگەن-تەڭشەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر بۇنىڭ يادروسى، بۇ يادرونىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بىز ھازىردىن باشلاپ بىر يىلدىن كېيىن بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىش قىلىش قىلماسلىقنى ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىقنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.

دۇبى مۇنداق دېدى: مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، بىز ھەممە ئادەمگە «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق توغرا ئىش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلايلى، بىزنىڭ توكيوغا يەنىمۇ ياردەم قىلىدىغان ۋاقتىمىز بار، گەرچە بىز ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەن بولساقمۇ، بىز يەنىلا قەيەردە ئۈنۈمنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئىشنى يەتكۈزگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈش ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يېقىندا ھۆكۈمەت تورىدا «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ،