ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام ماۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-14 09:57

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا باشلامچىلىق رول ئوينىماستىن، مەسئۇلىيەتنى باشقا دۆلەتلەرگە ئىتتىرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا سەل قارىغانلىقتىن، يۇقۇم ئامېرىكىدا تېز يامرىدى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى دەپ ھېسابلىدى.

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تاقابىل تۇرمىغانلىقتىن، ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئېغىرلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
فىرانسىيە يازغۇچىسى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سۇنىيە بېرىسلىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئامېرىكىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارىدى. دەل مۇشۇنداق تەكەببۇرلۇق سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا يۇقۇم كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتتى.

ئاۋسترالىيە سىدنېي داشۆسى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي لېكتورى داۋىد سىمىت «سۆھبەت» تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىكى سەۋەنلىكىنى تەكشۈرۈشتە ئاساس بار،ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە پىسەنت قىلماسلىق ۋە يامان خەۋەرلەرنىڭ پاي بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى جاھىللىقى بۇ كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

مىسىرنىڭ،مىسىر جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دىيا خېرمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بۇ كىرىزىسقا كۈچلۈك تاقابىل تۇرمىغانلىقىنى،ھەرقايسى تەرەپلەر ئاشكارىلىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، كىشىلەر ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتىدىن نۇرغۇن زىددىيەتلىك تەرەپلەرنى تېپىپ چىقالايدۇ.

نايروبى داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئالىي لېكتورى گەيرىسون ئىكيارا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىرى مەغلۇپ بولدى. بۇ ئاساسلىقى دەسلەپكى مەزگىلدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى ھەمكارلاشمىغانلىقىدىن، دۇنيا بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىدىن بولدى.

جەنۇبىي ئافرىقا Witwatersrand ۋىتۋاتېرسراند داشۆسى ئىقتىساد ۋە سودا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جىننى روسوۋ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقابىل تۇرۇشى ئاپەت خاراكتېرلىك بولدى. ئامېرىكا ھەمىشە باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدۇ، بۇ دۆلەتلەر ئارا ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيانى يۇقۇمغا بىردەك تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇردى.

سېنگالنىڭ ئىقتىسادشۇناسى، رايون ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى سىر سى مۇنداق دېدى : ئامېرىكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى توسمىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بۇرۇنلا تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ تەھدىتى ئانچە چوڭ ئەمەس دەپ قارىدى، بۇ خىل كېسەلنى تىزگىنلەش قىيىن بولغاندا، ئاندىن «ئۆزىگە قۇربانلىق» ئىزدەشكە باشلىدى.

كۇبانىڭ سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى كامىلو پېرىس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر رىيال دۇنيادا ئەمەس بەلكى تېۋېتتىردىلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كۆرۈش قىلىۋاتىدۇ، ئۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن پىتنە-ئىغۋالارنى، ئازدۇرۇش خاراكتېرلىك ئۇچۇر ۋە ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا ياردەملەشمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئىلىم - پەنگە قارشى سۇيىقەست نەزەرىيەسى ئۈستىدە توختالماي، يۇقۇمغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ۋېنېزۇئېلا مەركىزىي داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، خەلقئارا مەسىلە مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر سالاس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆزىدىكى يۇقۇم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولغان ئېنىقلىقى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلىدى،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىقتىساد ۋە سايلام بېلىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن پاسسىپ پوزىتسىيەسى ۋە تەدبىرى قوللاندى.

فىلىپپىن ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى چېن شىڭلى مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە ئامېرىكا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدا كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى سەۋەب شۇكى، ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى سۈنئىي سۇسلاشتۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسەت ساھەسىدىكى ماسلاشتۇرۇشى مەغلۇپ بولدى، بۇ روشەن «سۈنئىي ئاپەت بولۇپ»، «تەبىئىي ئاپەت»دىن چوڭ.

سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ يۇڭنيەن مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىپ قوللانغان بىخەتەرلىك تەدبىرىگە باشقىچە پىكىردە بولدى، ھەر كۈنى دېگۈدەك ۋىرۇس ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تاقابىل تۇرۇشى توغرىسىدا قىلچە ئاقىلانە چۈشەنچە بەرمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

ھىندونېزىيە ئەقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بان باڭ سۇريونو مۇنداق دېدى: يۇقۇم تارالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىلمىدى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇندى. بۇ قىلمىشلار ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا دەخلى يەتكۈزدى، بۇ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك.

پاكىستاننىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت تەھلىلچىسى ئابدۇل راخمان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار داۋالاش سىستېمىسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىددىي ھالەتكە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمغا ئىگە، لېكىن بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئىپادىسى ئۆز دۆلىتى خەلقىنى ۋە دۇنيانى ئۈمىدسىزلەندۈردى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچتا نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا باشلامچىلىق رول ئوينىماستىن، مەسئۇلىيەتنى باشقا دۆلەتلەرگە ئىتتىرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا سەل قارىغانلىقتىن، يۇقۇم ئامېرىكىدا تېز يامرىدى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا