ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 19:00

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى» قاراپ چېقىلىپ، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چەتئەلدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىدىكى يوللۇق ھەرىكەت، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ مۇقىم ئۇزاققىچە يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زۆرۈر تاللاش.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، چەتئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تارىختىن بۇيان بىر دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئىشلار، جۇڭگونىڭ دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدە قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى يوللۇق، زۆرۈر.
ئېكۋاتور دۆلەت ئالىي تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېيىس مۇنداق دېدى: بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى تەگكىلى بولمايدىغان تۆۋەن چەك، ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە تېگىدىغان قىلمىشلارغا پەرۋا قىلمايدىغان دۆلەت بولمايدۇ، جۇڭگو باشقا بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئاساسى ھوقۇقى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق سىرتنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇردى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىر.
مالايشىيا يېڭى ئاسىيا تەدبىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ۋېڭ سىجې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم، يۈكسەك ئاپتونومىيەلىك ئىدارە قىلىش قېلىپى دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا ئورنىتىلىشى كېرەك، دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى مەركەزنىڭ قانۇن چىقىرىشى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان.
گېرمانىيە ھېسسې خەلقئارا ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى بورچمەن مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىر دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ۋە تۈپ نىشانى، دۆلەت تەرتىپىنى قوغداش، جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى بولۇپمۇ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماجىراسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر ھەدەپ دۆلەت بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ شياڭگاڭدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، چەتئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىشى ناھايىتى دەل ۋاقتىدا بولدى شۇنداقلا بۇ زۆرۈر، مۇھىم بولۇپ، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە يۈرگۈزۈلۈشىگە پۇختا تۈزۈم ئاساسى سېلىپ بېرىدۇ.
فىرانسىيەلىك يازغۇچى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بىرېسلېس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ بۇ تەدبىرى بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى، جۇڭگو ئالاقىدار قانۇنلارنى ئىمكان قەدەر بالدۇر چىقىرىپ، دۇنياغا شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
فىلىپپىن ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى چېن شىڭلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن بىرقاتار ئېغىر مەسىلىلەر بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم ۋە شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنىڭ ھالقىلىق پەيتكە كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ۋاقىتتا قارار چىقىرىشىنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە زۆرۈرلۈكىدىن گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ.
شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، ئىزچىل گۈللىنىش، مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورت، سودا مەركىزى بولۇش ئورنى مۇستەھكەملەندى، ئەمما نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماجىراسى شياڭگاڭدا شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاممىنىڭ خەۋپسىزلىكى، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ھەققىدە قانۇن چىقىرىشى شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا، شياڭگاڭدىكى بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
ماراكەش ئافرىقا جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناسىر بۇھىبا مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى قانۇن تۈزۈم ۋە مېخانىزم جەھەتتە شياڭگاڭنىڭ ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق.
نۇرغۇن پاكىتلار شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماجىراسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى ۋە بىرلىكتە پىلانلىشى ئارقىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بۇنىڭدىن تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغاش يامان غەرىزى ئاشكارىلاندى، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قارارى تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا بېرىلگەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.
ۋېڭ شىجې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم، يۈكسەك ئاپتونومىيە ھەرقانداق كۈچنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپتىن ماسلىشىپ شياڭگاڭ رايونىدا زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش، قانۇنچىللىقنىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىش، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويۇش دېگەنلىك ئەمەس.
رېيىس مۇنداق دېدى: تاشقى كۈچلەر جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇش مەقسىتىدە شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، ھەتتا شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى رادىكال كۈچلىرىنى ماجىرا تېرىشقا كۈشكۈرتۈپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن تەرتىپىنى بۇزدى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قارارى جۇڭگونىڭ بىخەتەر ۋەزىيىتىنى بۇزۇش قەستىدە بولغان بۇ كۈچلەرگە قارىتىلغان كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.  

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدە قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى يوللۇق

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ