ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو چياۋمېنلىرى،جۇڭگولۇقلار: شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشنى قوللايمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 17:19

چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمېنلىرى، جۇڭگولۇقلار شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمېنلىرى، جۇڭگولۇقلار 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى»نىڭ قاراپ چىقىلغانلىقىغا داۋاملىق دىققەت قىلدى، شياڭگاڭغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى مۇداپىئەسىز ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى، نېگىزلىك قانۇن ۋە بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقى، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنى جۇڭگونى پارچىلايدىغان بازا قىلىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە فۇكېيكېن داشۆسىنىڭ پەخرى پىروفېسسورى لىن شىڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى ئۇنسۇرلىرى تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلدى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شياڭگاڭغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان قانۇن يوچۇقىنى تولۇقلاپ، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۇختا قانۇن ئاساسى سالدى، ئىشىنىمەنكى بۇ ھەرىكەت جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ۋەتەن سۆيەر، شياڭگاڭ سۆيەر كۈچلەرنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ، چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمېنلىرى، جۇڭگولۇقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ.
كورېيەدىكى جۇڭگو چياۋمېنلىرى جەمئىيىتى باش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خەيجۈن مۇنداق دېدى: بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ ئاساسى بىر دۆلەت، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر قىلچە تەپتارتماي بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلدى ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئىلگىرى سۈرۈشى ۋەزىيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى، ھەرگىزمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار قانۇن تۈزۈشى ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئاساسى قانۇن بەرگەن ھوقۇقى، ئۇنىڭ توغرىلىقى ۋە قانۇنلۇقلىقىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگو چياۋمېنلىرى، جۇڭگولۇقلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇ يۈمېي مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى رىيال تەھدىتكە ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ۋەزىيەتتە، دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى، بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خېيىم خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشقا پايدىلىق، بىز جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، بىز ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشى، دەپسەندە قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.
قاتار جۇڭگو چيامېنلار بىرلەشمىسى چەتئەل كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چى زىخەن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رىيال تەھدىت ئالدىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا ئاساسەن دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنى قوغداش شۇنداقلا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىش پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، چەتئەللەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.
ياۋروپا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ياشلار بىرلەشمە باش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى فۇ شۈخەي مۇنداق دېدى: شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان قانۇن يوچۇقلىرى ۋە مېخانىزم كەمتۈكلىرى ئاشكارىلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ شياڭگاڭدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمېنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىنى ھەرقانداق كىشى تەۋرىتەلمەيدۇ، جۇڭگونى پارچىلاش غەرىزىدە بولىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلار بىھۇدە ئاۋارىچىلىك.
ئەنگلىيە كامبىرىج جۇڭگولۇقلار مەھەللىسى مەركىزىنىڭ رەئىسى سۈن ۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن يوچۇقى ۋە مېخانىزم كەمتۈكىدىن پايدىلىنىپ، شياڭگاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا قىلچە تەپتارتماي ھۇجۇم قىلىپ، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم ئاساسىنى بۇزۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زور ۋە جىددىي خىرىس پەيدا قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى، نېگىزلىك قانۇن ۋە بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكى، مۇقەررەرلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، بىز جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنى جۇڭگونى پارچىلايدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو چياۋمېنلىرى،جۇڭگولۇقلار: شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىشنى قوللايمىز