ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاخبارات تەھلىلى: ئامېرىكىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 17:59

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇنجى قېتىم «ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئىككى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئەۋەتىشنى پىلانلىدى. بۇ 2011-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلىتىدە ئىشلەنگەن راكېتا ۋە ئالەم كېمىسىنى ئىشلىتىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئەۋەتىشى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانىنىڭ سەپتىن چېكىنىپ توققۇز يىلدىن كېيىن ئادەملىك قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىكى ھالقىلىق بىر قەدەم.
پىلان بويىچە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 16 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 4 تىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە) بىر «بۈركۈت 9»نامىلىق راكېتا ئارقىلىق فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلمەكچى. ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى دوگلاس خېللى بىلەن روبېرت بېنكېن تۇنجى قېتىم «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا بارىدۇ. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا بار:
بىرىنچى: ئامېرىكىنىڭ ئالەم كېمىسى ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالەم بوشلۇقىغا ئادەملىك قايتىپ كەلدى.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكىنىڭ «ئاتلانتىس» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى، بۇ قېتىمقى يىېپىلىش سەپىرى ئامېرىكىنىڭ 30 يىللىق ئالەم ئايروپىلانى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئالەم كېمىسىگە تايىنىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئەۋەتىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن، رۇسىيە ئالەم كېمىسىنىڭ باھاسى ئىزچىل تۈردە ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەلدى: 2008- يىلى بىر كىشىلىك بېلەت باھاسى 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيتتى؛ ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى 2011 -يىلى سەپتىن چېكىنگەن ۋاقىتتا باھا ئۆرلەپ 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ ھازىرقى باھا تەخمىنەن 86 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
«كېيىنكى ئالەم ئايروپىلانى دەۋرى»دە، ئۆز دۆلىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قانداق قىلىپ ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىش ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشىدىكى «يۈرەك كېسىلى»گە ئايلاندى. ئامېرىكا بۇ ئوڭايسىز ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، سودا ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خۇسۇسىي كارخانىلارنى «بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تېجەشلىك» ئادەملىك ئالەم كېمىسى ياساشقا ئىلھاملاندۇردى.
-2014 يىلى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى ۋە بوئېن شىركىتى بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام ئىمزالىدى، ئۇلارنىڭ نىشانى- ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى دۆلىتىدە ئىشلەنگەن ئالەم كېمىسى ئارقىلىق خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا بالدۇرراق ئەۋەتىش ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى ئىككى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ 9 يىل بۇرۇنقى ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقان جايدىن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئادەملىك قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە تايىنىشتىن قۇتۇلۇشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئاي شارى ۋە مارس ئۈستىدە ئىزدىنىش پىلانىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
ئىككىنچى: سودا ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئادەملىك ئۇچتى
بۇلتۇر 3-ئايدا، «ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم ساختا ئادەملىك ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشنى سىناق قىلدى، شۇ قېتىمقى ۋەزىپە بۇ قېتىمقى «ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇشىنىڭ رېپىتىسى ئىدى.
«ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى تارىخىدا تۇنجى قېتىم خۇسۇسىي شىركەتلەر ياسىغان ۋە ئىشلەتكەن ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ «ئالەم تاكسىسى»لىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.بۇ ئامېرىكىنىڭ سودا ئالەم قاتنىشى تىرانسپورتى ۋە تۆۋەن تەننەرخلىق ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى. بۇ شۈبھىسىزكى يەر شارى سودا ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ قېتىمقى ئادەملىك سىناق ئۇچۇشمۇ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى بولۇپ، «بۈركۈت 9» ناملىق راكېتا، «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى ۋە يەر يۈزى سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ھەمدە ئوربىتىدا ئۇچۇش، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ۋە يەر يۈزىگە قايتىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئومۇميۈزلۈك سىنايدۇ.
ئەگەر بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئوڭۇشلۇق ئورۇندالسا، «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قەرەللىك ھالدا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئاپىرىپ- كېتىش «چوڭ زاكىسىنى» قولغا كەلتۈرىدۇ.
2002-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى ئامېرىكا سودا ئالەم قاتنىشى يېڭى رېكورتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى. 2012-يىلى 10-ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم پەن تەتقىقات ماددىي ئەشيالىرى ۋە تولۇقلىما ئۈسكۈنىلەرنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يەتكۈزۈپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئەجدىھا» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى كۆپ قېتىم خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن ئادەملىك ئالەم كېمىسى- يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى ئاساسىدا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ياسالغان.
ئۈچىنچى: جىددىي قېچىپ قۇتۇلۇش قۇرۇلمىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېم برىدېنستىن كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەملىك سىناق ئۇچۇش پىلانى ھېچقانداق زۆرۈر بولمىغان خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىش.
بۇ قېتىمقى ئادەملىك سىناق ئۇچۇش خىزمىتى ئەسلىدە بۇلتۇر 7-ئايدا ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى، لېكىن بۇلتۇر 4-ئايدا « ئەجدىھا » ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ موتورىدا بىر قېتىملىق تىنچ ھالەتتە ئوت ئالدۇرۇش سىنىقىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلدى، شۇڭا «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكىنى تولۇق سىناش ئۈچۈن پىلان كېچىكتۈرۈلدى.
«ئەجدىھا» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،«ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ھاياتلىقنى قوللاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭغا سەپلەنگەن سەككىز «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى» نامىلىق موتور، قېچىپ قۇتۇلۇش سىستېمىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، جىددىي ئەھۋالدا ئالەم كېمىسىنى راكېتادىن ئايرىۋېتىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قېچىپ قۇتۇلۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
جىددىي قېچىپ قۇتۇلۇش سىنىقى- «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھالقىلىق باسقۇچ. بۇ يىل 1 - ئايدا، «ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى «ئۇچۇش جەريانىدا قويۇپ بېرىشنى توختىتىش سىنىقى» نى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، راكېتانىڭ ئۆرلەش باسقۇچىدا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى سىنىدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆرۈنۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، قويۇپ بېرىلىپ بىر مىنۇت 30 سېكۇنتتىن كېيىن، «بۈركۈت 9» ناملىق راكېتانىڭ 1-دەرىجىلىك موتورى تاقالغان، «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىدە قېچىپ قۇتۇلۇش سىستېمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق سەككىز موتورغا ئوت يېقىلغاندا كېمە بىلەن راكېتا ئايرىلغان؛ كېيىن ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك بۆلمىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن، ئىككى يېتەكچى پاراشۇت ۋە تۆت ئاساسىي پاراشۇت ئارقا-ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ ، ئاتلانتىك ئوكيانغا يۇمشاق قونۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
بۇ بۇ قېتىمقى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇھىم سىناق، شۇنداقلا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاخبارات تەھلىلى: ئامېرىكىنىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەملىك سىناق ئۇچۇشىدىكى ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇنجى قېتىم «ئەجدىھا» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئىككى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنى خەلقئارا