ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يېقىندا ئويلىمىغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-09 17:34

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى سايلاش تەرتىپى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي باشلاندى، بۇ تەشكىلاتنىڭ يېڭى باشلىقىنىڭ ھازىرقى باش ئىش بېجىرگۈچى ئازۋىدو 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئايرىلىشتىن ئىلگىرى سايلام چېقىلىش چىقالماسلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئازۋىدو يېقىندا ئويلىمىغان يەردىن مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى سايلاش خىزمىتى ئىنتايىن چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئىلىپ بېرىلىدىغان بولدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىمۇ سايلام خىزمىتىگە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى ئىلىپ كەلدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىنى سايلاش تەرتىپى ئادەتتە ھازىرقى باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشىدىن توققۇز ئاي ئىلگىرى باشلىنىدۇ، ھەمدە ھازىرقى باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىشىدىن ئۇچ ئاي ئىلگىرى ئىچىلىدىغان باش كېڭەش يىغىنىدا ئاخىرقى نامزات بېكىتىلىدۇ.

سايلام تەرتىپى ئادەتتە ئۇچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 1-: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرتىپ باشلانغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئارقىدىن كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئۇچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، ھەمدە مەزكۇر تەشكىلات يولۇققان ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان پىكىرنى بايان قىلىدۇ؛ ئەڭ ئاخىردا، باش كېڭەش بىلەن ئەزالار كېڭىشىپ نامزاتلارنى قىسقارتىدۇ، ھەمدە ئەڭ ئاخىردا نامزاتنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىدۇ.

ئازىۋىدونىڭ ۋەزىپىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلىشىنى قارار قىلىشى يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىنى سايلاش تەرتىپىنىڭ مۇددىتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى باش كېڭىشىنىڭ رەئىسى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەيۋىت ۋالكىر ئەزالارغا مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە، باش كېڭەشكە نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى سۇنىدۇ. 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن، باش كېڭەش ئەزالارغا ئاخىرقى ھېسابتا بېكىتىلگەن باش ئىش بېجىرگۈچى نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ئازىۋىدونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىدىن ئىلگىرى يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچى نامزاتلىرىنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىدىن، سايلام تەرتىپىنىڭ كېيىنكى ئىككى باسقۇچىنىڭ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى سايلاشتا قىيىنلىقى زور، باش ئىش بېجىرگۈچىنى سايلاشتا ئادەتتە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كېڭىشىپ بىردەك پىكىرگە كېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، كۆپلىگەن نامزاتلار ئىچىدىن ئاخىرقى نامزاتنى بېكىتىش ئاسان ئىشى ئەمەس، بەزىدە كۆپ قېتىم كېڭىشىش ۋە تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق يۇقۇم سايلامنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

بەلگىلىمە بويىچە، ئەگەر 8-ئاينىڭ 31-كۈنى يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچى نامزاتى بېكىتىلمىسە، باش كېڭەش ھازىرقى بىر مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىنى يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگۈچە ۋاكالىتەن باش ئىش بېجىرگۈچىلىككە تەيىنلەيدۇ.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى سايلاش تەرتىپىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باش ئىش بېجىرگۈچى نامزاتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە ئىقتىساد، سودا ۋە سىياسىي تەجرىبىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىدە تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى؛ ھەممە ئېتىراپ قىلغان رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى؛ ياخشى ئالاقىلىشىش ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

مىسىرلىق خەمىت مامۇدۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئىلگىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى بولغان خەمىت مامۇدۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى بېشىمدىن كەچۈرگەن، بۇ تەجرىبىلەر بۇ تەشكىلات ئىسلاھ قىلىنىدىغان پەيتىدە ئىنتايىن قىممەتلىك.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پىخىل خوگانمۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خوگان ئېرىلاندىيەلىك بولۇپ، 2014- يىلدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى سودا ئەزاسى بولغان بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھ قىلىشنى كۈچلۈك قوللاپ كەلدى.

ئۇندىن باشقا، نىگېرىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇنوف فردىرىك ئاجا ، بېنىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەيروۋا راۋۇرۇ قاتارلىق كۆپلىگەن ئەمەلدارلار سايلامغا قاتنىشىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئارچا گاڭسارىس رايا ۋە گوللاندىيەنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق ۋەزىرى سىگرىد كاگمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىدىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى تالىشىدىغان كۈچلۈك نامزات.

نۆۋەتتە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قىيىنچىلىق ئىچىگە كېرىپ قالدى، تالاش تارتىشلارنى ھەل قىلىش، كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبىتى ۋە سودا سىياسىتىنى نازارەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ فۇنكىتسىيەسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، دەۋھە ھەمكارلىق سۆھبىتى ئىلگىرىلىمەي توختاپ قالدى، تالاش تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىدىكى خەلقئارا سودا ئالىي سوتى ئەرز قىلىش ئورگىنى توختاپ قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى جىددىي ئىسلاھ قىلىنىشقا موھتاج بولماقتا. بىراق ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەلىپى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىن ئىسلاھ قىلىش تۈرلىرى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىدىن تەيىنلىنىدىغان باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم خىرىسقا ئايلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر تەرەپلىمىچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى، شۇنداقلا دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزىغا ۋە ئىناۋەتلىكلىكىگە ئېغىر خىرىسلارنى ئىلىپ كەلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىقىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر ھامىيچىلىق تەدبىرىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. ھامىيچىلىق ۋەزىيىتىنى توسۇش، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈلمىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار،يېڭىدىن تەيىنلىنىدىغان باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان ئېغىر ۋەزىپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى سايلاش تەرتىپى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي باشلاندى

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنى سايلاش تەرتىپى