ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تېخىمۇ تەسلەشمەكتە، بۇ يىل ئىچىدە بۇرۇلۇش بولۇشى تەس

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-16 10:19

6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار ئىككى مىليون 110 مىڭدىن، قازا قىلغانلار 116مىڭدىن ئاشتى. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىشكە بولمايدۇ، ئىشنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەقىقىي بۇرۇلۇش بولۇشى تەس.

ئامېرىكا جونس خوپكىنىس داشۆسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سانلىق مەلۇمات تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاز دېگەندە 13 ئىشتاتىدا ھەر كۈنى بىمار سانى كۆپىيىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %10تىن كۆپرەك ئاشقان. تېكساس ئىشتاتى، فىلورىدا ئىشتاتى، كالىفورنىيە ئىشتاتى قاتارلىق نوپۇسى كۆپ ئىشتاتلاردا ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە ھەر كۈنى كۆپەيگەن دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئېشىپ ماڭغان.

كالىفورنىيە داشۆسى لوس-ئانژېلېس شۆبىسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى پېروفېسسورى جاڭ زوفېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى ئامىل يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىمارلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋە بولىدىكەن: بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىپ ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان بىر ئەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن نامايىش ۋە پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىلەر توپلىشىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى تېزلەشتى؛ ئىككىنچى، جايلار ئىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى قويۇۋەتكەچكە، خىزمەت ئورۇنلىرى، مېھمانخانا، تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىكى توپلىشىش ۋە توپلىشىپ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى كۈچەيدى؛ ئۈچىنچى، مەكتەپلەر ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزتۇرانە ئوقۇتۇشى ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇمۇ يەنە بىر نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ۋاشىنگتون داشۆسى سەھىيە ئىستاتىستىكىسىنى باھالاش تەتقىقاتخانىسى يېقىندا يېڭىلىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مودىلى مۆلچەر نەتىجىسىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن قازا قىلغۇچى 170 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىردىن 9-ئايغىچە، ئامېرىكىدا كۈندە كۆپىيىدىغان قازا قىلغۇچى ئازلاپ ماڭىدىكەن، ئەمما 9-ئايدىن باشلاپ زور دەرىجىدە كۆپىيىدىكەن. مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن جايلاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچى 8-، 9-ئايلاردا كۆپىيىدىكەن.

جاڭ زوفېڭ مۇنداق دېدى: مودېل مۆلچەرىگە قارىغاندا، ھازىرقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ %5.56لىك قازا قىلىش نىسبىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مۆلچەرلىگەندە، ھازىر دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئىككى مىليوندىن ئاشقان ئاساستا، كەلگۈسى ئۈچ يېرىم ئايدا ئامېرىكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن تەخمىنەن بىر مىليونى كۆپىيىدىكەن، ۋەزىيەت كىشىنى ناھايىتى ئەندىشىسىگە سالىدۇ.

ئامېرىكىدىكى «پارلامېنت تېغى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتات چەكلىمە تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي بوشاتقاندىن كېيىن، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى، مىسسورى ئىشتاتى، ھيۇستون، سۇمۇرغ شەھىرى قاتارلىق بەزى يېڭى «ئېغىر ئاپەت رايونلىرى» ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. يېرىمدىن ئارتۇق ئىشتاتتا ھەر ھەپتىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ئۇدا كۆپەيگەن، 16 ئىشتات ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندىلا ئۇدا ئىككى ھەپتە ئومۇمىي بىمار سانى ئازايغان.

مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى ئىشتاتلار ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، رېستوران، سودا سارايلىرى، چېنىقىش ئۆيى، ھۆسن تۈزەش ئورنى قاتارلىق سودا ئەسلىھەلىرىنى قايتا ئېچىپ، ئۆيدىن چىقماسلىق بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كېسەللىك ئالامىتى يوق تارقىلىشنىڭ يامرىشىمۇ ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى تەسلەشتۈرۈۋەتكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى، ئاقساراي تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئانتونى فائۇچى مۇنداق دېدى: ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ %25ىدىن %40ىگىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يۇقۇملانغۇچىلار ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويالايدىكەن.
ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى يەرشارى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېرېمى كورنىنگىك مۇنداق دېدى: ھازىر چەكلەش تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىپ يۇقۇمنىڭ كۆپىيىش يۈزلىنىشىنى توسايدىغان ھېچقانداق مۇزاكىرە بولمىدى، نۇرغۇن ئىشتاتلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى كىشىگە يۇقۇم ئۆتۈپ كەتسىلا قايتا كەلمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇ بۇيىل ياز ۋە كۈزلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن خەتەرلىك قىلىۋېتىدۇ.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېي بۇتلېر 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇنى جەزمەن تونۇش كېرەككى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى يەنە زور دەرىجىدە كۆپەيسە، 3-ئايدىكىگە ئوخشاش ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تېخىمۇ مۇھىم.

ئامېرىكا ئىئوۋا داشۆسىنىڭ مىكرو جانلىقلار ئىلىمى ۋە ئىممۇنىتېت ئىلىمى پىروفېسسورى سىتانلى پېرىلمان مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئاياغلىشىشقا تېخى بالدۇر، ھازىر يەنىلا ھەممە جايدىكى ئەڭ چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل ئىچىدە ھەقىقىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تېخىمۇ تەسلەشمەكتە، بۇ يىل ئىچىدە بۇرۇلۇش بولۇشى تەس

6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار ئىككى مىليون 110 مىڭدىن، قازا قىلغانلار 116مىڭدىن ئاشتى.