ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەت ئەل كارخانىلىرى ۋەكىللىرى، خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار: جۇڭگو بازىرى كەڭ سودا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:49

 چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگودىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو بازىرى دۇنيانىڭ بازىرى، تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان بازار، كۆپچىلىكنىڭ بازىرى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا داۋاملىق يىلتىز تارتىش، جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 899 مىليارد 380 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%6.3 ئاشقان. ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغان %70 كە يېقىن ئامېرىكا كارخانىسى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق بازار ئىستىقبالىغا زور ئىشەنچ باغلىغان. جۇڭگو ئەنگلىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغان ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ %44ى 2021-يىلى جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو ياپونىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە: زىيارەت قىلىنغان ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ %40 ى كەلگۈسى بىر-ئىككى يىلدا جۇڭگودىكى كەسپىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. دېمەك، بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن ئۈمىد كۈتۈش، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن.
تايلاندنىڭ كەيتەي بانكىسى شاڭخەي، چېڭدۇ، شياڭگاڭ، بېيجىڭ، كۈنمىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە شۆبە بانكا ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلدى. 2020-يىلى 6-ئايدا كەيتەي بانكىسى شېنجېندا كەيتەي يۈەنجىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرۇپ، مەۋقەنى بانكا مۇئامىلىدارلىرىنى يېڭىچە پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قاراتتى. كەيتەي بانكىسىنىڭ ئالىي مۇئاۋىن لىدىرى سەي ۋېيسەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىچكى-تاشقى مەبلەغكە بىردەك مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىمىزگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەتبىقلاش، ئۆلچەم تۈزۈشكە باراۋەر قاتنىشىش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا ئادىل قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، چەت ئەل سودىگەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر تېخىمۇ كېڭەيدى، جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ ئادىل، ئاشكارا بولدى.

گرانفوس گۇرۇھىنىڭ باش ئورگىنى دانىيەگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سۇ پومپىسى ياساش كارخانىلىرىنىڭ بىرى. بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى 2020-يىلى 1-ئايدا بىر ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش دېلوسىدا گرانفوسنى داڭلىق تاۋار ماركىسى دەپ بېكىتىپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن تەرەپنى بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇدى. گرانفوسنىڭ جۇڭگودىكى باش مالىيە ئەمەلدارى جون ماكمان مۇنداق دېدى: بۇ دېلودا غەلىبە قىلىشىمىز گرانفوسقا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، گرانفوسنىڭ تاۋار ماركىسى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك قوغدىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بازار ئىجازىتىنى ياخشىلاپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياراتتى. بىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىلغان جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

ئورىيالنىڭ جۇڭگودىكى باش لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فېي بورۇي مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى تاۋار ۋە ئامىلنىڭ كۆچمە تىپتا ئېچىۋېتىشتىن تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئۇ جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىشى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا كەڭ سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

سەي ۋېيسەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، بازىرىنى داۋاملىق ئېچىۋەتتى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى قانۇن جەھەتتىن قوغداپلا قالماستىن، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئەگىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغىمۇ ئاساس سېلىپ بەردى.

CBRE شىركىتى جۇڭگو رايونىنىڭ لىدىرى لى لىڭ مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگودىكى نۇرغۇن جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن يانداش تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بىز ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى، مۇلازىمەت ئىدىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

ئۆتكەن بىر يىلدا سىمېنىز جۇڭگو بازىرىدا ئاقىل قاتناش 5G ئىقتىدار مەركىزى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەرنى قاپلىغان يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە ھەل قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويدى. سىمىنىز بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ھېرمان مۇنداق دېدى : شىركىتىمىز جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، بىز جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش داۋامىدىكى يېڭى پۇرسەتنى كۆردۇق، ھەمدە بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىپ، ئادىل، ئاشكارا تىجارەت-سودا مۇھىتىدا ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

2020ـ يىلى گېرمانىيە ئاممىباب ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ جۇڭگودىكى ھەمراھلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بازىرىغا سالغان مەبلىغى 4 مىليارد ياۋرودىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە %40 تىن ئارتۇق مەبلەغ توكلۇق سەپەر ساھەسىگە ئىشلىتىلدى. ئاممىباب ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ جياڭخۇئەي ئاممىباب پاي ئىستراتېگىيەسىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشىگە ئەگىشىپ، جياڭخۇئەي ئاممىباب شىركىتى «ئاممىباب ئاپتوموبىل (ئەنخۇي) چەكلىك شىركىتى»گە رەسمىي ئۆزگەرتىلىپ، ئاممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ جۇڭگودىكى ئېلېكتىرلەشكەن يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

ئاممىباب ئاپتوموبىل (ئەنخۇي) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فېڭ سىخەن مۇنداق دېدى: «بىز شىركەتنى گۇرۇھنىڭ يەر شارى بويىچە توكلۇق سەپەرگە چىقىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىمىز.» «ئاممىباب» ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋە «جياڭخۇئەي» ئاپتوموبىلىنىڭ كۈچلۈك ماركا ئوبرازى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىسى شىركەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

جۇڭگو دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنىڭ (2020ـ يىللىق نۇسخىسى)» نى ئېلان قىلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئومۇمىي ماددا 1235 بولۇپ، 2019ـ يىللىق نۇسخىدىكىدىن 127 سى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ، 88 ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەبلەغ سېلىش ساھەسى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، يېشىل مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى، ھەم زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رىغبەتلەندۈرۈش مۇندەرىجىسىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

ئامېرىكا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى سىتۋوكنىڭ جۇڭگو رايونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ سۇڭ مۇنداق دېدى: «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنىڭ (2020ـ يىللىق نۇسخىسى)» نىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغنىڭ ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىگە قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ، بۇنىڭدىن چەت ئەل مۇلازىمەت كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى بازارلاردا يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى كۈنسېرى جانلىنىپ، پەن ـ تېخنىكا، يۇمشاق دېتال قاتارلىق يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپلەر توپلىنىشقا باشلىدى، شىركىتىمىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىئەن، ۋۇخەن، چېڭدۇدا شۆبە شىركەت ۋە كەسپىي مەركىزى تەسىس قىلدى ھەمدە تېز، مۇقىم تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 2020ـ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كارخانا جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كوللېكتىپ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. «تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ جۇڭگودىكى ھەمراھلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىق ساھەلىرىمىز يەنىمۇ كېڭەيدى.»

2020ـ يىلى داڭلىق دورا ياساش شىركىتى «ئاسلىكاڭ» جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسىم باش ئىشتابى تۈرى خاڭجۇغا رەسمىي ماكانلاشتى. ئاسلىكاڭنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن لىدىرى، خەلقئارا كەسىپ ۋە جۇڭگودىكى لىدىرى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ئادىل، پايدىلىق بازار رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى. ئاسلىكاڭ جۇڭگو بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، داۋالاش ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە داۋالاش كەسپىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

بېلگىيە بېلگىيە ـ جۇڭگو ئىقتىساد ـ سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرنا دېۋىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگودىكى قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، چەت ئەل سودىگەرلىرى تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولدى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ياۋروپا كارخانىلىرى جۇڭگودا داۋاملىق تۇرۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگوغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودىكى كەسپىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەندى، جۇڭگو بىلەن كەسپىي ئالاقىسى بار باشقا ياۋروپا كارخانىلىرىمۇ جۇڭگو بىلەن ياخشى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىدى. بۇ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىجارەت سودا مۇھىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى، جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.
ئادىل ، ئامانگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەت ئەل كارخانىلىرى ۋەكىللىرى، خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار: جۇڭگو بازىرى كەڭ سودا پۇرسىتى ھازىرلايدۇ

چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى