ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنى چىڭ ساقلاۋاتقان جۇڭگونىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىش ئەترىتى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:49

2020ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئېكۋاتور ئەتراپىغا جايلاشقان پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى يەنىلا ئىسسىق ھەم نەم ئىدى. پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسىنىڭ گوروكا بازىرىدا، لىن يىڭشىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاپتوموبىل بىلەن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر مەھەللىگە بېرىپ شۇ جايدىكى ئاممىنى تەربىيەلەيدۇ.

لىن يىڭشىڭ جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىگە ياردەم بېرىدىغان زەمبۇرۇغ ئوت چۆپى، بىنەم شال تۈرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسىنىڭ خېڭجانوف رايونىدىكى بىر ئاساسىي قاتلام مەھەللىسىدىكى 117 دېھقاننى زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى ۋە بىنەم شال تېرىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى. بۇ، بۇلتۇر 8ـ ئايدا جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ زەمبۇرۇغ ئوت-چۆپى ۋە بىنەم شال تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاچقان 9ـ قېتىملىق كۇرس.

تۆت كۈنلۈك تەربىيەلەشتە، ئۇلار نەزەرىيە سۆزلەپلا قالماي، يەنە بىنەم شال تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە قولمۇ قول يېتەكچىلىك قىلدى. كۇرسانتلارغا زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپىدىن قىلىنغان بىنەم شالنىڭ پايدىسىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار 50 نەچچە كىلوگىرام بىنەم شال گۈرۈچى ۋە زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن 10 كىلوگىرام يېڭى موگونى تەييارلاپ، كۇرسانتلارغا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا تېتىتتى.
لىن يىڭشىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى دېھقانلار زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى ۋە بىنەم شال تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلار ياۋا ئوت ـ چۆپلەرنىڭ مەززىلىك موگۇغا ئايلىنىدىغانلىقى، تاشلىنىپ قالغان قاقاس يەرلەرنىڭ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان شاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك ماختاپ كەتتى. بۇ تۈر ئۇلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
زەمبۇرۇغ ئوتى بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەم يېمەكلىك ياكى دورا زەمبۇرۇغى يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ھەم چارۋىلارنىڭ يەم ـ خەشىكى قىلىشقا بولىدۇ. 20ـ ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىدا، فۇجيەن دېھقانچىلىق ـ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن جەنچى زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ، بۇنى دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىي قىلمىغان بەزى رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىيىتىدە قوللانغان. 1997ـ يىلى، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى شەرقىي گاۋدى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، لىن جەنچى ئۆمەك باشلاپ شۇ جايدا زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپ تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇردى. 1998ـ يىلى ئۇلار يەنە دۆلەت ئىچىدىن بىنەم شال كىرگۈزۈپ، شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسىدە «جىنشەن 1ـ نومۇر» لۇق كۆپ يىللىق بىنەم شالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆپەيتىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ شال ئىشلەپچىقىرالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.
لىن يىڭشىڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم تۇپراق قاتلىمى قېلىن، مۇنبەت، سۇ ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات شارائىتى زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى ۋە بىنەم شالنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدىكى ئاشلىق زىرائەتلىرى ئاساسلىقى تاتلىقياڭيۇ ۋە مانىخوت، ئىقتىسادىي زىرائەتلەر قەھۋە بولۇپ، زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى ۋە بىنەم شال تېرىشمۇ شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى ۋە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك يېمەك ـ ئىچمىكىنى بېيىتتى.
سورت يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەربىيەلەش...... 1997ـ يىلىدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى نەچچە قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ يەنىلا شۇ جايدا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم دېگۈدەك بىر تۇرغانچە ئىككى يىلدىن كۆپرەك تۇردى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، 700 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى تېرىشقا قاتناشتى، 3000 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى بىنەم شال تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى. زەمبۇرۇغ ئوتى شۇ جايدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن يېقىملىق قىلىپ «جۇڭگو ئوتى» دەپ ئاتالدى.
نۆۋەتتە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدا جەمئىي ئالتە ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ پىروفېسسور لىن جەنچى 77 ياشقا كىردى. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەن مەزگىلدىمۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىدە دائىم تۇرۇشلۇق تۆت مۇتەخەسسىس ئىزچىل شۇ جايدا قېلىپ خىزمەت قىلدى.
كۆپچىلىك ھەر كۈنى تاماق يېيىش، ئارام ئېلىش، چېنىقىشتىن باشقا، يا ئېتىز ـ ئېرىقلاردا زەمبۇرۇغ ئوت ـ چۆپى ۋە بىنەم شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ، يا خىزمەت خاتىرىسى يازىدۇ، ياكى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تەلىم ئالىدىغان دېھقانلارنىڭ بىلەلمىگەن سوئاللىرىنى يېشىپ بېرىدۇ، بەزىدە يەنە شۇ جايدىكى مەھەللە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ياش كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ تولۇقلىدى، «90ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ماگىستىر، دوكتورلار تۈرگە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا باشلىدى.
لىن يىڭشىڭ: بىز تىرىشىپ شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسىنى ب د ت نىڭ 2030ـ يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۈلگىلىك ئۆلكە قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دېدى.
بۇ يىل لىن يىڭشىڭنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىگە كەلگىنىگە 8 يىل بولدى. 1998ـ يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىگە كەلگەندە، ئۇ چاغدا كۆرگەن پاكار كەپە ئۆيلەر، كەڭ كەتكەن بوز يەرلەرنىڭ ئورنىنى بۈگۈنكى كۈندە يىپيېڭى بىنالار، تۇتاش كەتكەن شاللىقلار ئىگىلىدى.
لىن يىڭشىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسى زەمبۇرۇغ ئوتى ۋە بىنەم شالنى قەھۋەدىن قالسىلا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چوڭ كەسىپ قاتارىغا كىرگۈزۈپ تەرەققىي قىلدۇردى. شەرقىي گاۋدى ئۆلكىسىدىن باشقا، زەمبۇرۇغ ئوتى ۋە بىنەم شال تېرىقچىلىق تېخنىكىسى يەنە چىنبۇ ئۆلكىسى، جىۋاكا ئۆلكىسى، موروبېي ئۆلكىسى، غەربىي گاۋدى ئۆلكىسى ۋە مەركىزىي ئۆلكە قاتارلىق پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە كېڭەيتىلدى.
لىن يىڭشىڭ مۇنداق دېدى: بىز پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىدە ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق، ئازغىنە كۈچىمىزنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنى چىڭ ساقلاۋاتقان جۇڭگونىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىش ئەترىتى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنى چىڭ ساقلاۋاتقان جۇڭگونىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىش ئەترىتى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر