ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش «يېڭى يۈزلىنىش»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:49

2020-يىلىدىكى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى «ۋاقىتلىق توختاپ قالدى». ئەمما، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باشقىچە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىشچان تېخنىكىلار ۋە ھەل قىلىش لايىھەلىرى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېلىنغان «چوڭ ئىمتىھان»غا تاقابىل تۇرۇش ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى.
«كېيىنكى يۇقۇم دەۋرى»گە نەزەر سالساق، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاخىرقى ھېسابتا نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. يۇقۇمدا بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق يارىتىش بىخى پەن-تېخنىكا «يېڭى يۈزلىنىشى»گە ئايلىنىدۇ، رەقەملىك دۇنيا بىلەن فىزىكىلىق دۇنيا يەنىمۇ بىرىكىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئادەمنى تېخىمۇ ئاساس قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش سۈرئىتى تېزلەشتى
يۇقۇم ئىجتىمائىي ئالاقىنى توسۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىلھامىنى قوزغىدى. پۈتۈنلەي يېڭى پەن ـ تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، فىزىكا جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇلۇپ، يىراقتىن ئىش بېجىرىش، ئادەمسىز يەتكۈزۈش، ئەقىل -پاراسەتلىك زاۋۇت قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشى تېزلەشتى. نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئاپپاراتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقۇم تۈرتكە بولغان يېڭى پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈنۈمىنى دەرھال سېزەلمىگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇ تۇرمۇشىمىزغا داۋاملىق سىڭىپ كىرىپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىدىكەن.
مىكروسوفت ئاسىيا تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ لىدۇڭ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەرقايسى كارخانىلار ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى، بۇ ئارقىلىق فىزىكىلىق ئايرىش ھالىتىدىكى ئۈنۈملۈك تەقسىملەنمە خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچلۈك قوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، كارخانا ۋە شەخسلەر تېخىمۇ ئەۋرىشىملىككە ئېھتىياجلىق.
ئەۋرىشىملىكنىڭ ئۈچ ئامىلى «ئەسلىگە كېلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، قايتا قۇرۇش»، بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۇقۇم قىيىن ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. كارخانىلار رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئون ھالقىلىق پەن-تېخنىكا يۈزلىنىشىنى تېزلەتكەن، بۇلار: توردا مال سېتىۋېلىش بىلەن ماشىنا ئادەم يەتكۈزۈپ بېرىش، رەقەملىك ۋە ئۇچراشماي چىقىم قىلىش، يىراقتىن ئىش بېجىرىش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، يىراقتىن داۋالاش، توردا كۆڭۈل ئېچىش، تەمىنلەش زەنجىرى4.0، 3D لىق بېسىش، ماشىنا ئادەم ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 5G ئۇچۇر ـ ئالاقە تېخنىكىسى.
«ئاپەت بىزنى يېڭىلىق يارىتىشقا قىستىدى». بېيجىڭ «جىيۈەن» سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات يۇرتىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ خۇڭجياڭ مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىش، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش، ۋاكسىنا يېڭى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئېنېرگىيەنى نامايان قىلدى. دۇنيادا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زىچ جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلار داۋالاش، مائارىپ، پەن تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەر بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
رەقەم بىلەن فىزىكا بىرىكتى
جاڭ خوڭجياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە پەن-تېخنىكا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ، يىراقتىن ئىش بېجىرىش، توردا تەربىيەلەش قاتارلىق ئادەتلەر يۇقۇمدىن كېيىن ساقلاپ قىلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق تېخنىكىلارغا تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىشچان تىجارەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، كەسىپنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كەلگۈسىدە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە نۇقتىلىق ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
يۇقۇمنىڭ رەقەملىك دۇنيا بىلەن فىزىكىلىق دۇنيانىڭ بىرىكىش يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمۇ داۋاملىشىدۇ.
ئامازوننىڭ يەر شارى مۇئاۋىن لىدىرى، باش تېخنىكا ئەمەلدارى ۋېرنا فوگېرىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: 2021ـ يىلى كىشىلەر شەھەرنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى لايىھەلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ، ھەم ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلايدۇ، ھەم يىراقلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلمايدۇ، بۇ رەقەملىك ۋە فىزىكىلىق دۇنيانىڭ ھەقىقىي بىرىكىشى بولۇپ قالىدۇ، مەسىلەن، ئىلغار سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش تېخنىكىسى ۋە ماشىنىلىق ئۆگىنىشتىن پايدىلىنىپ، شەھەرلەر خادىملارنىڭ ئېقىم مىقدارىنى تەھلىل قىلىپ، يازدىكى ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسىلى ياكى قىشتىكى تارقىلىشچان زۇكام پەسىلىدە بىخەتەر قاتناش تەكلىپى بېرىدۇ؛ نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش چوڭقۇر ئومۇملىشىدۇ، تېخىمۇ كۆپ توردا چىقىم قىلىش سۇپىسى بۇلۇت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
جۇ لىدۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 2021ـ يىلىغا، ھەتتا كەلگۈسى بەش يىلغا نەزەر سالساق، گەرچە رەقەملەشكەن تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ۋە تېرمىنال ماس ھېسابلاش، 5G قاتارلىق ھازىرقى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشى داۋاملىق تېزلىسىمۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك رەقەملىك دۇنياغا ئۆتۈش يۈزلىنىشىدە بۇرۇلۇش بولىدۇ، جەمئىيەت يەنىلا فىزىكىلىق دۇنيانى مەركەز قىلىشقا قايتىپ كېلىدۇ، رەقەملىك دۇنيا فىزىكىلىق دۇنياغا قاراپ تېز سۈرئەتتە يۇغۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد بارلىققا كېلىدۇ.
پەن ـ تېخنىكا «ئادەمنى تېخىمۇ ئاساس قىلىدۇ»
يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى، كىشىلەر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى، قانداق قىلغاندا يۇقۇم قاتارلىق يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ؟
يۇقۇم ئاستىدا، ساغلاملىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى قىزىق نۇقتا ساھەسىگە ئايلاندى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىراقتىن داۋالاش، بۈيۈك مەلۇمات ئارقىلىق يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىزداش قاتارلىقلار كەڭ قوللىنىلدى. ئامېرىكا فوربېس تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئالېكىس سەيپكو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆيىدىن چىقمايدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش «يېڭى يۈزلىنىش»