ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىنى قازىمىز»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:49

ئالاقىدار ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، «13-بەش يىل»دا جۇڭگو تەخمىنەن 690 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاشقى مەبلەغ ئىشلەتكەن. جۇڭگومۇ يۇقۇم مەزگىلىدە دۇنيادىكى تاشقى مەبلەغنى كۆپ قوبۇل قىلغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە،2020-يىلى ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى 140 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان تاشقى مەبلەغ كارخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.

گېرمانىيە كىنور ئوربىتا سىستېمىسى جۇڭگو رايونىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، باش دىرېكتورى خەن جۇجۈن مۇنداق دېدى: 2020-يىلى جۇڭگوغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدۇق ھەمدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى پىلانلىدۇق. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، شۇنداقلا تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە كىنور گۇرۇھى قارمىقىدىكى پويىزنى رەقەملەشتۈرۈش مەھسۇلاتى، يېڭى بىر ئەۋلاد تورمۇز سىستېمىسى ۋە چاڭ-توزان تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى قاتارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. خەن جۇجۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، شەھەر رېلىسلىق قاتناش تىرانسپورت مۇساپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، كىنور مۇشۇ سەۋەبلىك غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. «14-بەش يىل» دا جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ. كىنور تېخنىكا ۋە مۇكەممەل ياسىمىچىلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك بىلەن بولغان سودا جەھەتتىكى ھەمراھلىق ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ رېلىسلىق قاتناش ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ.
يېڭى زېلاندىيە نېۋزىلاند سۈتچىلىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شېڭ ۋېنخاۋ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشى تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ ئىشىكنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشىنىڭ تۈرتكىسىدە نېۋزىلاندنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان سۈت مىقدارى دەسلەپكى بىر ھەپتىدە 3000 بوتۇلكىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ھەپتىدە 80 مىڭ بوتۇلكىغا كۆپەيدى.
نېۋزىلاند 2020-يىلى 7-ئايدا بۇلۇتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق، ئۈچ مىنۇتتا 28 ساندۇق يېڭى سۈت سېتىپ بولدى. CBRE نىڭ جۇڭگو رايونى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شيې چېن مۇنداق دېدى: -2020يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە جۇڭگو ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %16.1 كە، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %31.6 كە يېتىپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىركىتىمىز 2020-يىلى جىڭشى ئىشخانىسىنى يېڭىدىن تەسىس قىلدى ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنى شەھەرنى يېڭىلاش ئىستراتېگىيەسى، قاتناشنى يېتەكچى قىلىپ ئېچىش، كەسىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.
كانوننىڭ جۇڭگو چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شياۋزې شيۇشۇ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ «13-بەش يىل»دا تاشقى مەبلەغ ئىشلىتىش كۆلىمىدە يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كانون داۋاملىق جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ئادىل، ئېنىق، قولايلىق مۇھىتتا جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى تېزلىتىپ، كانونغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىز گۇرۇھنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى، مەھسۇلاتى ۋە ھەل قىلىش لايىھەسىنى جۇڭگو بازىرىغا ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىنى قېزىشنى خالايمىز.
خونېيۋېلنىڭ جۇڭگودىكى لىدىرى جاڭ يۈفېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى چەتئەل كارخانىلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئەۋرىشىملىكى ۋە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئىرادىسىنى ھېس قىلدى. 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. 2020-يىلى 5-ئايدا خونېيۋېل ۋۇخەندە گۈللەنمە بازار باش ئىشتابى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خونېيۋېلنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا ئەڭ چوڭ يەككە بازىرى. بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا كۆز تىكىپ، جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگونىڭ رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىياتى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كەسىپنىڭ رەقەملىشىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىدۇ. سىنەيدېر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن لىدىرى، جۇڭگو رايونىنىڭ لىدىرى يىن جېڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن تۆت يىلدا سىنەيدېر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ جۇڭگوغا سالغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى يىلىغا %15 تىن ئاشتى. 2020-يىلى سىنەيدېر ئېلېكتىر شىركىتى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا مەبلەغ سېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شيامېن، بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا قاراتقان مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتتى. بۇ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەبلەغ سېلىنمىسى سىنەيدېر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. كەلگۈسىدە بىز جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىنى قازىمىز»