ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020ـ يىلى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى دۇنيانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:48


2020ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا «يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش» توغرىسىدىكى غايەت زور ۋەدىسىنى جاكارلىدى. بۇ جاكارلاش ناھايىتى جاراڭلىق بولۇپ، يۇقۇم قاپلىغان دۇنيانى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى ۋە ئىلھاملاندۇردى!

بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگەتتى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، 750 مىليون كىشى نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70 تىن ئېشىپ، ب د ت نىڭ 2030ـ يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلىقنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى.
«جۇڭگو دۇنياغا نامراتلىقنى قانداق تۈگىتىشنى نامايان قىلغان تۇنجى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت»، «جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، ئۈلگە تىكلەپ بەردى»، «جۇڭگو دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچى» ......نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ زور غەلىبىسىنى توختىماي مەدھىيەلىدى.
نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم»، «ئەقىل ـ پاراسەت»، «ئىرادە» جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتسىمۇ «تۆتنى ئېلىۋەتمەسلىك»ئارقىلىق، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى شەكىللەندۈردى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس يۈكسەك باھا بېرىپ: «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرى ئەڭ نامرات نوپۇسقا ياردەم بېرىش، 2030ـ يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى نىشانىغا يېتىشنىڭ بىردىنبىر يولى» دېدى.
كونكرېت تەدبىر جەھەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى پىلانلاپ، پۇختا سانائەت ئاساسىنى ئورنىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى......ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى جامېس لىنچىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئورتاق قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە يېڭىلىق يارىتىلغان ئۇسۇللار تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىش ئەۋرىشكىسىگە ئايلانغان.
ئامېرىكا كولومبىيە داشۆسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جېففېرى ساكىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدىكى ئېنىق نىشان تەسىس قىلىش، ياخشى پىلان تۈزۈش، ھۆكۈمەت يۆلەش بىلەن بازار مېخانىزمىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ قىممەتلىك ئۇسۇلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگومۇ نامراتلىقنى ئازايتىش مۇساپىسىنى دوكلاتقا كىرگۈزۈپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەجرىبىللىرى»دىن قىلچە يوشۇرماي دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
جۇڭگونىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى خۇيشۈي ناھىيەسىدە نۇرغۇن نامرات ئاھالە قوغۇن تېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ ئىش چەت-ياقا رايوندىكى كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بۇ قوشۇمچە زىرائەتنى تېرىغۇچى دېھقانلارنى ھەيران قالدۇردى. ئىلمىي پىلانلاش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش......خۇيشۈي ناھىيەسىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 16 دۆلەتكە يۈزلەنگەن «نامراتلارنى يۆلەش يىغىنى»نى بىۋاسىتە تارقىتىشى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە تەجرىبىسىنى ھەقىقىي كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدە كۈچلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كۈچى بولغان ۋە خەلققە پايدىلىق سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، نامراتلىقتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلغىلى بولىدۇ»، بۇ ئامېرىكا قىتئەسى خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى خۇئەن كارلوس لاتورېنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش يىغىنى»نىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتى.
«شىزاڭنى كېسىپ ئۆتۈش»، «شىزاڭغا چوڭقۇر چۆكۈش سەپىرى»، «شىنجاڭ ـ يىپەك يولىدىكى مىڭ بىر مۆجىزە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى سونىيا بلېسلېي جۇڭگونىڭ نۇرغۇن بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ سىياسەت، يىرىك پىلانىنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش، «ھەر بىر ئادەمنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش» دەپ ماختىدى.
بېنگال، ھىندونېزىيە، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە قارىتا، يۈننەن خۇڭخې خانى پەلەمپەيسىمان ئېتىزىدىكى دېھقانلار «شال بىلەن بېلىقنى تەڭ پەرۋىش قىلىش» ئەندىزىسىنى ئۆگەتتى؛ جۇڭگو نامراتلارنى ئازايتىشنى قوللاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئافرىقىغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىدىن 24 نى قۇرۇپ بېرىپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى؛ جۇڭگونىڭ بېرمىغا ياردەم بەرگەن نامراتلارنى ئازايتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەمكارلىق تۈرى شۇ جايدىكى 1500 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇردى، سۈيىنى راۋانلاشتۇردى ......
جۇڭگونىڭ تاغ ـ دەريالارنى زىلزىلىگە سالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى دۇنيانى ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ جۇڭگونىڭ بوشاشماي ھەرىكەت قىلىشى دۇنياغا ياردەم بېرىدۇ. قەھرىتان سوغۇق كېچە ئاخىرلىشىدۇ، ئىللىق كۈنلەر چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى يەنىلا نامراتلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنى قورقماي، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان نامراتلىق يېڭى قەدىمىنى بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

2020ـ يىلى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى دۇنيانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى