ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-06 17:29


يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021ـ يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەبرىك سۆزىدە 2020ـ يىلىدىكى جۇڭگونىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى غايەت زور نەتىجىلىرى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەكۈنلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى. 2021ـ يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ تۇمانلىرىنى تارقىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل يەر شارى ماكانىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ماراكەش-ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناسىر بۇشىبا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى مول تەجرىبە ۋە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ بىلەن قوللىدى، بۇ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيا برېسلېي مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە نامايان قىلغان ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس روھىنى نامايان قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ «قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىدۇ» دەپ كۆرسەتتى، بۇ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتا بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مالىنىڭ سابىق زۇڭلىسى مۇسا ماللا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىپادىلىگەن ئاجايىپ تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان تەلەپچان بولۇش ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى جۇڭگونى يۇقۇمنى تېز، ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم مۇلېخام مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بوسنىيە ـ گېرتسېگوۋېنانىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى فەرۇخ بورىچ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ تۇمانلىرىدىن ئالدى بىلەن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قايتا باشلىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئىلھام بولدى. ھازىر بوسنىيە ـ گېرتسېگوۋىنا يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلماقتا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، بوسنىيە ـ گېرتسېگوۋىنا بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى.
قازاقىستان-جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قانات بايسېك مۇنداق دېدى: جۇڭگو 2020ـ يىلى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئىنتايىن قالتىس نەتىجە.
ئارگېنتىنانىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى گونزالو توردىنى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى دۇنياغا تەرتىپلىك تەشكىللەش ۋە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ئارقىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن گەۋدىلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى، يېڭى بىر يىلدا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت سائادىتى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لائوسنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، لائوس ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شىكۇن بېنۋېيلەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو 2020ـ يىلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لائوس بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى. لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىغا يېڭى ئۇل سېلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.
ئۆزبېكىستان ئاخبارات ۋە ئاممىۋى تاراتقۇ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى تۇرسۇنال كۇزيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2021ـ يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بىرما رانگون داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەننىڭ پىروفېسسورى چىنما مامياۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سەككىز يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىرقى ئۆلچەم ئاستىدا يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى بىرمىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
ئەنگلىيە 48 گۇرۇھى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىفىن پېررى مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، باشقا دۆلەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى.
كامبودژا ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى مۇنبىرى تۈر پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيې مونىلى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تەڭ تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئومۇمىيەت قارىشى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.ئامانگۈل ھەبىبۇللا



中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021ـ يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى