ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:27

جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى نېمە ئۈچۈن بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىيالىدى؟ بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى سەمىمىي، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىقى تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىش؛ جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىق مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىغا قارىتىلغان ھەقىقىي، سەمىمىي سىياسەت ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۆزى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنى بىۋاسىتە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئېشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، بىر تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدىدى. خۇددى موزامبىكنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ھىسانو كۆرسەتكەندەك ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانى يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، بۇ يەر شارى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنياۋىي ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق دۆلەتلەرگە ئادىل سۇپا ھازىرلاپ بېرىدۇ.

ئالاھىدە بولغان 2020-يىلى شۇنىڭغا گۇۋاھ بولدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن خىرىسىغا قارىتا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىدىن يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ 50 نەچچە رەھبىرى تېلېگرامما يوللاپ ياكى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگودىن ھال سورىدى ۋە قىممەتلىك قوللىدى؛ جۇڭگو ئالدى بىلەن ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقىدىكى 15 دۆلەتكە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئافرىقا كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باش ئورگىنىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تاماملىغان ۋە ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە باش مەقسەتلىك سۆز قىلىپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىدىكى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى پىلانلاپ بەردى. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تىدېروس باھا بېرىپ: جۇڭگو-ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىق يۇقۇمنى يېڭىشكە ئېھتىياجلىق بولغان دۇنياۋى ئىتتىپاقلىق ۋە رەھبەرلىك كۈچىنى نامايان قىلدى،دېدى.

جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيىسىدىكى تەۋرەنمەس تاللىشى. ئۇدا 31 يىل جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەر يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا ئافرىقىنى تاللىدى. جۇڭگونىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىن ئىبارەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى بۇزۇلماس دوستلۇقنى، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى قەتئىي قوللىشىنى نامايەن قىلدى.

بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن نىگىرىيە جۇڭگو-نېگىرىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. جۇڭگو بىلەن كونگو كىنشاسا، بوتسىۋانا ئايرىم-ئايرىم ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.دىمەك، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سىياسىي ئىشەنچى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو بىلەن ئافرىقا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم ۋەزىپە. ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ئۇدا ئون نەچچە يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى % 20 تىن ئاشتى، ئافرىقىدىكى 46 دۆلەت بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن « بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا 2018-يىلىدىكى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە « بىر بەلباغ، بىر يول » نى يۇقۇرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، بۇ ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. جۇڭگو ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى، ئافرىقىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، ئافرىقا بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد، ئاقىل شەھەر، پاكىز ئېنىرگىيە، G5 قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ، بۇ ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق.

2020-يىلى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. 2021–يىلى جۇڭگو ئافرىقا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنى ئېچىشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئىككى تەرەپ كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ نەپ يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو، ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە جەزمەن ئۈزلۈكسىز يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق