ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇش ئارزۇسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:29

دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بېرما، ھىندونېزىيە، برۇنېي، فىلىپپىندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تاجىسىمان ۋېرۇس ۋاكسىنىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقارماقتا. بۇ پەيىتتە، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ يۈكسىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، قەدىمى تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك بولدى.

جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇلتۇر، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگونى ۋاقتىدا قىممەتلىك قوللىدى ۋە جۇڭگوغا خالىس ياردەم بەردى. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم مۇقىملاشقاندىن كېيىن، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ماددىي ئەشيا ۋە تېخنىكا ياردىمى بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ خادىم ۋە ماددىي ئەشيا ئالاقىسىنىڭ «تېز يولى» بىلەن «يېشىل يولى» نى ۋاقتىدا ئاچتى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر يۇقۇمدا ئۆزارا ھەمدەمدە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان ھەقىقىي دوستلۇقنى نامايان قىلدى.

ھازىر ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، مالايسىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سانى يۇقىرى بولۇپ، ۋاكسىنا ئۇلارنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلبە قىلىش، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستىسى دەپ قارالماقتا. ھىندونېزىيە يېقىندا ئاممىغا جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئەملەشنى رەسمىي باشلىدى، زۇڭتۇڭ جوكو تۇنجى ۋاكسىنا ئەملىگۈچى بولۇپ قالدى؛ جۇڭگو فىلىپپىنغا ئالدى بىلەن بىر تۈركۈم ۋاكسىنىنى ھەقسىز ياردەم بېرىشنى ھەمدە كارخانىلارنىڭ فىلىپپىن بىلەن ۋاكسىنا سېتىۋېلىش ھەمكارلىقىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى قارار قىلدى؛ تايلاند، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ جۇڭگودىن يېڭى تاجسىمان ۋېرۇس ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋېرۇس ۋاكسىنىسىدا پىشقان تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ، ھازىرقى ۋاكسىنا ساقلاش ۋە توشۇش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ، بۇ كەڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا ئەملەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛ جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھىندونېزىيە، مالايسىيە دورا ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى- شۇ جاينىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، رايوننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك قوللايدۇ.

يۇقۇم رايون ئىقتىسادىغا زەربە بولدى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمكارلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى تەڭ قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ئەركىن سودىنى تەڭ قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل رايوننىڭ دۇنيا بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى باشلامچىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقى باشلانغاندىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايون ھەمكارلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى كۈچەيدى، ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم بىر ـ بىرىنى بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى قىلىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» نى ئىمزالاشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يارقىن تۈس قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ تېزدىن كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەر قېتىم يەر شارى ياكى رايون خاراكتېرلىك كىرىزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئىككى تەرەپ يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل ـ كېسىل غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى رايون خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى جەزمەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، قەدىمى تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك بولدى

دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بېرما، ھىندونېزىيە،