ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ،

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-08 15:43

 كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى يېقىندا بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى دۇنياغا نىسبەتەن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا «يېڭى ئۈمىد كۆزنىكى» نى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئامېرىكا مىچگان جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مەسلىھەتچىسى تام ۋورتكىنس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ساغلام تەرەققىي قىلسا، ئىككى دۆلەتنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانى مۇقىملاشتۇرىدۇ، ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا «قايتا باشلىنىشى» نى ئۈمىد قىلىمەن، «ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇقىم دۇنياۋى تەرتىپ ئورنىتىشقا پايدىلىق». ۋورتكىنس مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئاممىۋى سەھىيە، ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دانىئېل راسىل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلاشقاندىلا دۇنيا دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە قىيىنچىلىققا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ . ئامېرىكا ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ئىجابىي يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پەلەستىن ئەرەب ئامېرىكا داشۆسىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئىسلام ئاياد مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، «يېڭى ئۈمىد كۆزنىكى» نى ئېچىشتىن ئۈمىد بار. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى دۆلەتنىڭ قايتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى دۇنياغا نىسبەتەن ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە .ئامېرىكا توغرا تاللاش چىقىرىپ، ساغلام، مۇقىم بولغان ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىشى كېرەك.

ياپونىيەنىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى كوسۇكې تاكاخاشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئويلىنىشى ۋە تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، بۇ پۈتۈن دۇنياغا پايدىلىق، پۈتۈن دۇنيا خەلقى بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كوسۇكې تاكاخاشى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.

تانزانىيە دارۇسسالام داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خانفرېي موشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا كۆپ تەرەپچىلىككە قۇچاق ئېچىشى كېرەك، مانا بۇ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىفىن پېررى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى دۆلەت بىرلەشسە ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، تىركەشسە ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ھەمكارلىقنىڭ مەغلۇپ بولۇش خەتىرى تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئىككى دۆلەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تىرىشىپ ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ،«يېڭى ئۈمىد كۆزنىكى»نى ئېچىشنى ئۈمىد قىلدى

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى يېقىندا بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام،