ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ «يېڭى ئاتامانى» ئېلان قىلىندى، ئۇ كۆپ تەرەپلىك تۈزەشكە زور ئۈمىد باغلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 16:30

8 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان تاللاش تەرتىپى ئارقىلىق، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 164 ئەزاسى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، نىگېرىيەنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالانىڭ 7ـ نۆۋەتلىك باش ئىش بېجىرگۈچىسى بولۇشىغا قوشۇلدى. تەھلىلچىلەر: كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ۋە تەجرىبىسى مول خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودىنى تۈزەشكە يېڭى قۇۋۋەت قوشالىشىدىن ئۈمىد بار دەپ كۆرسەتتى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتى باش كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا، باش كېڭەشنىڭ رەئىسى داۋىد ۋوك ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالانىڭ سايلانغانلىقىنى «ئەڭ قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ «ئىنتايىن مۇھىم پەيتى»، ھەمدە بارلىق ئەزالارنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچى بىلەن بىرلىكتە ئىجابىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، 2003ـ يىلى ۋە 2011ـ يىلى ئىككى قېتىم نىگېرىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان ھەمدە 2006ـ يىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى قىسقا مەزگىل ئۆتىگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ساغلام ئىسلاھات ئىستىلى ۋە ئاقىلانە سۆھبەت ماھارىتىنى نامايان قىلغان.

ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالانىڭ كۆپ تەرەپلىك سۇپىدىكى خىزمەت تەجرىبىسىمۇ ئىنتايىن مول. ئۇ دۇنيا بانكىسىدا 25 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن بانكا باشلىقى بولغان. ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە، يەر شارى ۋاكسىنا ئىتتىپاقى مۇدىرىيەت رەئىسى بولغاندىن باشقا، ئۇ يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېتەكچىلىك قىلغان «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش قورالى بولغان تېزلەتكۈچكە ئېرىشىش» خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى. ئۇ يەنە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا سايلام رىقابىتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش- بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇن. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ تەرەپلىك سودا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى باشتىن كەچۈردى، «دۇنيا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتىدىغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا موھتاج».

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ۋە مول تەجرىبىگە ئىگە كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا كۆپ تەرەپلىك سودىنى تۈزەشكە يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى لاگاردى: ئىرادىلىك ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالانىڭ قەتئىي ئۇنىڭ بوشاشماي تىرىشىپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىدىكى يادرولۇق ئاپپارات بولۇپ، قۇرۇلغان 26 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشتى. لېكىن سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ئىچكى قىسىمدا بۇنى ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالامۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكى يەنى كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبىتى، تالاش ـ تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ۋە سودا سىياسىتىنى نازارەت قىلىپ يولغا قويۇش ئىسلاھاتىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

سابىق باش ئىش بېجىرگۈچى ئازېۋېدو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن: يەر شارى ئىقتىسادى تېز سۈرەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، مېنىڭ ئىز باسارىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەر شارى سودىسىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە، يەر شارى سودا مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە كۆزلىمىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەر شارى ئىقتىساد سودىسىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش زور خىرىس بولىدۇ دېدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2020ـ يىلى دۇنيا مال سودا مىقدارى %9.2 ئازىيىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويۇش ئېھتىمالى بولغان ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالىدا يەنىلا يۈكسەك ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت ئىكەن.

بۇنىڭغا قارىتا، ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئىنتايىن ئېنىقسىز تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا»، كەلگۈسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇشىمغا توغرا كېلىدۇ.

يۇقۇم مەزگىلىدە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، كۈندىلىك بۇيۇملار قاتارلىقلارغا قارىتا قوللانغان سودىغا چەك قويۇش تەدبىرلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئىنگوزى ئوكونجو ئىۋېئالا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ۋاكسىنا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ۋاكسىنىنىڭ يەر شارى بويىچە تەمىنلىنىشىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقاتنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۇ مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى سەھىيە ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە چېتىلىدىغان بۇ يەر شارى كىرىزىسىدە جۇڭگو مۇھىم رول ئوينىسا بولىدۇ. سەھىيە ساھەسىدە، جۇڭگو داۋالاش بۇيۇملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويمايلا قالماستىن، يەنە بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېرىشەلمىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بەردى. ئىقتىسادىي ساھەدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى يەر شارىغا زور تۆھپە قوشتى. «جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ماتورلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى ۋە تۆھپىسى زور.»

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ «يېڭى ئاتامانى» ئېلان قىلىندى، ئۇ كۆپ تەرەپلىك تۈزەشكە زور ئۈمىد باغلاندى

8 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان تاللاش تەرتىپى ئارقىلىق، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 164 ئەزاسى