ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەش ھەققىدىكى ئوبزور

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 16:48

50 يىلغا يېقىن ۋاقىت بۇرۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «شاڭخەي ئاخباراتى»-جۇڭگو-ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۈچۈن، بۇ-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىغا پايدىلىق، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ دەپ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ قىسقىغىنا بىر جۈملە سۆز شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىدىكى ئاساسلىق چۈشەنچە بولۇپ قالدى. 1979-يىلى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى رەسمىي ھەمكارلىق كېلىشىمى بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇندىن باشلاپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالاقىسى رەسمىي باشلاندى.

40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇششاق-چۈششەك ئالاقىدىن ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك چوڭقۇر ھەمكارلىققىچە-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان پەن تەتقىقات ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىلىم-پەن فوندى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ خەلقئارا ھەمكارلىشىپ ئىلمىي ماقالە يېزىش ھەمكارلىق ئوبيېكتى بولۇپ، بىر-بىرىگە تايىنىشى باشقا ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن ئېشىپ كەتكەن. داياۋەن رېئاكتور نېيترىنو تەجرىبىسى، مۇسبەت، مەنپىي ئېلېكتىرون سوقۇشتۇرغۇچ، يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن ھەمكارلىق تۈرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى، گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتى، كىۋانت ھېسابلاش، بوشلۇق ئىلىمى قاتارلىق ساھەلەردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئورتاق قاتناشقان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى يەر شارىنى بەخت-سائادەتتىن تېخىمۇ بەھرىلەندۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى-ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئەل رايىغا ماسلاشقان، ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، دەۋر ئېقىمغا ماسلاشقان.

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىگە يولسىز بېسىم ئىشلىتىپ، زىچ «قامال قىلىش»قا ئۇرۇندى، ئۇسۇلى قەبىھ بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىر قىسىم ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئەلئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، يەر شارىنىڭ كۆپ ساھەلىك ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، «ئامېرىكا ئەلا»چىلىقىنى دەستەك قىلىپ، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش دەرۋازىسىنى تاقاشقا ئۇرۇندى.

ھالبۇكى، 40 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئىككى دۆلەت ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئالاقىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى جۇڭگو-ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىدا ئاللىقاچان توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان يالقۇن ۋەزىيىتى شەكىللەندى. قاتتىق دېتالدىن يۇمشاق دېتالغىچە، ئاساسىي پەنلەردىن ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقاتىغىچە-ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە يېتىپ، ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، مۇستەھكەملىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكا پاۋلسون فوندى جەمئىيىتى قارمىقىدىكى «ماركو پولۇ» ئاقىللار ئامبىرى بۇلتۇر ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم تەتقىقاتچىسى ئىچىدە، جۇڭگو مائارىپىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلار بار بولۇپ، ئامېرىكا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە يەر شارىدا ئالدىنقى ئورۇنغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ جۇڭگولۇق ئىختىساسلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق ئىكەن.

دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇھىمى يەر شارىنىڭ غەلىبىسىدۇر. ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولغان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى-كىلىمات، مۇھىت، ئېكولوگىيە، ئېنېرگىيە، كېسەللىك قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا داۋاملىق چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش-يەر شارىدىكى نەچچە ئون يىلدا بەرپا قىلىنغان پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئېكولوگىيەسى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ ياخشى قايتما ئىنكاسى ۋە ئايلىنىش مېخانىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تەخىرسىز ئىنسانلار كىرىزىسى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ؛ گېن تەھرىرلەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق مۇھىم تېخنىكا ساھەسىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىكا مۇھاكىمىسى، ئۆلچەم تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ماسلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ ئاساسىي پەن ساھەسىدە، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تەكرار ئەمگىكىنى كۆپەيتىپ، دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ؛ ئىنتېرنېت قاتارلىق ساھەلەردە ئوخشىمىغان ئۆلچەم ۋە سىستېما پەيدا قىلىپ، دۇنيانىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كۈچەيتىۋېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يولى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ساناقسىز جۇڭگو-ئامېرىكا پەن تەتقىقات خادىملىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ۋاكسىنا ۋە داۋالاش قوراللىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشىنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ژۇرنىلى «ئىلىم-پەن ئاممىۋى كۇتۇپخانىسى.ئۇنىۋېرسال»دا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ تارقىلىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ تاماملىغان تاجىسىمان ۋىرۇسقا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، بۇ-جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم ئىلىم-پەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئارىزونا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جىننى لى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن، بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، بىز ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىقى ئازىيىدۇ دەپ قاراپ قالغان ئىدۇق، لېكىن، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئىش دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى دېدى.

كۈندىن-كۈنگە كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان دۇنيادا، پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكى ئىرقچىلىقنىڭ تۇيۇق يولىدىن باشقا نەرسە ئەمەس؛ كۈندىن-كۈنگە ئۆز ئارا باغلىنىۋاتقان دۇنيادا، تېخنىكىنى قورشاۋغا ئېلىش-يېتىم قالغۇچىلارنىڭ ناتوغرا يولى بىلەن باراۋەر. ئىككى دۆلەت، ھەتتا دۇنيا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغداش ۋە ئاشۇرۇشتا، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتمەستىن، بەلكى ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش؛ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇش؛ توقۇنۇشماستىن، قارشىلاشماستىن، بەلكى ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش كېرەك. شۇنىسى ئايانكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى-ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ئۇنى ئۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ شۇنداقلا ئۈزۈلۈپمۇ قالمايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەش ھەققىدىكى ئوبزور

50 يىلغا يېقىن ۋاقىت بۇرۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «شاڭخەي ئاخباراتى»-جۇڭگو