ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 18:24

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋىدېيو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى. 35 تۈرلۈك ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق ھۆججىتى ۋە 53 تۈرلۈك سودا ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشلىقلار يىغىنى نەتىجە تىزىملىكى جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا، ئەسىر يۇقۇم ئاپىتى يەر شارى كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەلقئارا ھەمكارلىق كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۈز يىللىق ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت دولقۇنىدا كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، تەقدىرداشلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى ياراتتى.

باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا چېخ زۇڭتۇڭى زېمان جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگونىڭ چېخنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىن قوللىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ بىزنىڭ ھەقىقىي دوستىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، دېدى.
قوشنىنىڭ، ياردەم بېرىشنىڭ يىراق ـ يېقىنى بولمايدۇ. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مۈشكۈل پەيتلەردە، ۋېنگىرىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر تۇنجى بولۇپ جۇڭگونى داۋالاش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا تازا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، جۇڭگو قىلچە ئىككىلەنمەي ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزدى. جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى ۋىدېيولۇق يىغىنى، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى ۋىدېيولۇق يىغىنىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى «پايدىلىق ئۆرنەك» بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى.
يېقىندا، سېربىيەگە جۇڭگونىڭ تۇنجىي تۈركۈمدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى يېتىپ كەلگەندە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچنىڭ شەخسەن ئۆزى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالغانلىق كۆرۈنۈشى كەڭ-كۆلەمدە تارقالدى. ۋاكسىنا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ يېڭى ئىسپاتىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. ھازىر سېربىيە جۇڭگو كارخانىلىرىدىن 10 مىليون تال ۋاكسىنىغا ئېرىشتى، ۋېنگىرىيەمۇ جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلاشماقتا.
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو تەنتەنىلىك ھالدا ۋەدە بېرىپ: «جۇڭگو داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ»، «ئەگەر ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنىغا قارىتا ھەمكارلىق ئېھتىياجى بولسا، جۇڭگو پائال ئويلىشىشنى خالايدۇ» دېدى.
پولشا «مۇنبەر گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى پېتىر گاچىنوۋىسكى مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى-جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ.
يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش يېڭى ئېنېرگىيەسى قېزىپ چېقىلدى
يەرلىك رەھبەرلەر يىغىنى، پايتەخت شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزملىرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، گىرېتسىيە پىرائېئۇس پورتى، كىرودىيە پېلېشاتس دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ نەتىجىلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، خەنزۇ تىلى دەرسى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا مەكتەپلىرىدە بارغانسېرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىدا بارغانسېرى ئالقىشلاندى......جۇڭگو- ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقىدا كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئىستېرېئولۇق قۇرۇلما بەرپا قىلىنىپ، مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە رايون ھالقىغان ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى.
يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش- جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان سىرلارنىڭ بىرى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن رايون ھالقىغان ھەمكارلىق ئۈستىدە ئالدى بىلەن ئىزدىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى.
يۇقۇم خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدى. يۇقۇم يامرىغان، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2020-يىلى، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا سودىسى تەتۈر ئېشىپ، سودا سوممىسى 103 مىليارد 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %8.4 ئاشتى؛ 2020-يىلى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پۈتۈن يىلدا 12 مىڭ 400 قېتىم قاتناپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئېشىپ، تۇنجى قېتىم «تۈمەن قېتىم» لىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، پولشا، ۋېنگىرىيە، چېخ، لىتۋا، سىلوۋاكىيە قاتارلىقلار جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەنزىلىگە ئايلاندى ......
كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يارىتىلىپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو ـ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىدا، جۇڭگو «جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق بىر قاتار ھەمكارلىق يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىدىن قارىغاندا، ھەر قايسى تەرەپلەر ھاسىل قىلغان ئىقتىساد-سودا نەتىجىسى خېلى مول بولغان.
ۋېنگىرىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تىلمېر جيۇلو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپكە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇردى.
بۇ قېتىمقى جۇڭگو ـ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىنى دەل ۋاقتىدا بولدى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى ھەمكارلىقىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ئاچىدۇ.
جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئىستىقبالى ئېچىلدى
جۇڭگو-ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، جۇڭگو-ياۋروپا يېشىل ھەمكارلىق، رەقەملىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى......بۇلتۇر ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى پۇرسىتىدە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم بۆسۈش ۋە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقى- جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ پايدىلىق تولۇقلىمىسى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى پىلان تۈزۈپ بەردى، ئېنىقكى بۇ يېڭى بىر يىلدىكى جۇڭگو ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى باشلىنىشى.
سىپرۇس ياۋروپا داشۆسىنىڭ مۇدىرى گۇرىيامۇسنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى-جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر يارىتىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىكەن، ئىككى تەرەپنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمۇ ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
جۇڭگو خەلق داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يىۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ـ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىقى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايون تەرەققىياتىدىكى پەرقنى تۈگىتىش، ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋىدېيو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى