ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسى يەر شارىنىڭ ئىقتىسادنى سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-02 10:18

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2020-يىلى جۇڭگو يەنىلا يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى. ياردەم بېرىلىدىغان دۆلەتتىن ياردەم بېرىدىغان دۆلەتكىچە، نامراتلىق ۋە قالاقلىقتىن نامراتلارنى ئازايتىش نەمۇنىچىسىغىچە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چەتئەل ئەربابلىرى: جۇڭگونىڭ ئەمەلىي مىسالى دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادنى سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇشىغا ئىشەنچ ۋە مۇھىم يول كۆرسەتتى،دېدى.

بۇلتۇر 12-ئايدا جۇڭگو ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۆك نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى تۈگىتىپ، 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

دۇنيا بانكىسى جۇڭگو ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۈي زې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، دۇنيا بانكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىش بولدى. نەچچە ئون يىل ئىلگىرى جۇڭگو دۇنيا بانكىسىغا قاراشلىق خەلقئارا تەرەققىيات جەمئىيىتىدىكى ياردەمگە ئېرىشكۈچى دۆلەت ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو مۇھىم مەبلەغ چىقارغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بايلىقى ۋە بىلىم جەھەتتە كۈنسېرى دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىئانە قىلغۇچىسىغا ئايلانماقتا.

رۈي زې مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسى جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشى كېرەك، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا بىز بۇ تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ئۇنى باشقا جايلاردا قوللىنىمىز.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي تېمۇردا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ داگېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھازىرغىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك، ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان نامراتلارنى ئازايتىش ئىجادىيىتى بولۇپ، دۇنيا بولۇپمۇ باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى يولى ۋە يېڭى ئىدىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئىشتاتلىق داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى ئېلىئاس يابۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى، قوللانغان سىياسەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

يابۇر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىشتىكى نۇرغۇن تەدبىرلىرى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى شۇ دۆلەتتىكى كۆك نامراتلىقنىڭ تەبىئىي تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆك نامراتلىقنى تۈگەتتى، جۇڭگو مىسالىنىڭ ئىنتايىن ئەينەك قىلىش قىممىتى بار، جۇڭگونىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلارنى ئازايتىش تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى دەل بۇنىڭدىكى سىر.

جۇڭگو شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەشكىللەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

تايلاند دۆلەتلىك تەتقىقات يۇرتى تايلاند-جۇڭگو ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇلاش تاناتاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش تەپەككۇرى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش خىزمىتىدە ئىنتايىن ئەينەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇ ئۇسۇل يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنى تېخىمۇ زور قىممەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

سۇلاش مۇنداق دېدى: نامراتلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان مەسىلە، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى دۇنياغا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جاسارەت ۋە تەجرىبە ئاتا قىلدى.

ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، دۆلەت كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەسلىھەتچىسى لۇكاس گۋاردا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى زور غەلىبىسى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش شارائىتىنى ياخشىلىدى. 2020-يىلى جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى يېڭىپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

نامراتلارنى ئازايتىش خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تېما. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە 2020-يىلى دۇنيا بويىچە نامرات نوپۇس كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆپەيدى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گاي رايد: جۇڭگونىڭ دۇنيا بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرنىڭ بىرى شۇكى، جۇڭگو نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئېنىق ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھىم سىياسەت نىشانى قىلدى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر جۇڭگودىن ئۆگىنىشى كېرەك، دېدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسى يەر شارىنىڭ ئىقتىسادنى سىغدۇرۇشچان ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولدى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2020-يىلى جۇڭگو يەنىلا