ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مەدەنىيەت كۆينىكى ۋەقەسى» ئىرقچىلىق سېسىق پۇرىقى تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-02 10:33

يېقىندا، كانادالىق بىر دىپلوماتنىڭ «ۋۇخەن» دېگەن پىنيىنچە خەت ۋە شەپەرەڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مەدەنىيەت كۆينىكىنى زاكاز قىلىش ۋەقەسى ئاشكارىلىنىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭغا قارىتا، كانادا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «ئۇقۇشماسلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ كۆز بوياپ، «مەدەنىيەت كۆينىكىنىڭ نۇسخىسىدا مەلۇم مۇزىكا گۇرۇپپىسىنىڭ بەلگىسى ئۆرنەك قىلىنغان»، «شەپەرەڭنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش مەنىسى يوق»، دېدى.

بۇنداق ئۆزىنى قاچۇرۇش سۆزلىرىدە سەمىمىيلىك كەمچىل، ھەم پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇ سىياسەتۋازلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن «شەپەرەڭ» سۈرىتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ نامىنى بۇلغاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چىشىغا تەگدى. بۇ ئىشقا چېتىشلىق دىپلومات كانادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا كۆپ يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن، ھەتتا ئۆزىگە «خەن سىلې» دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويۇۋالغان، ئۇ بۇنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل غەرەزنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت كۆينىكى تىكىش جەريانىدا تىلىنى چايناش، تاغدىن ـ باغدىن سۆزلەشتەك مۈجمەل پوزىتسىيەسىگە بىرلەشتۈرگەندە، ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ يامان غەرىزى تېخىمۇ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ «مەدەنىيەت كۆينىكى ۋەقەسى» دىن تونۇش ئىرقچىلىق سېسىق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئايرىم غەرب ئەربابلىرىنىڭ رەڭلىك كۆزئەينەك تاقاشتىكى يەنە بىر كۈلكىلىك ئويۇنى.

ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كەسكىن ئىلمىي مەسىلە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋىرۇس بىلەن ئالاھىدە دۆلەت، رايونلارنى باغلاشقا ئېنىق قارشى تۇرىدۇ. كانادا زۇڭلىسى، سەھىيە مىنىستىرى قاتارلىق سىياسىي ئەربابلارمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادە بىلدۈرگەن. نۇرغۇن يىپ ئۇچى، خەۋەر ۋە تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇم 2019ـ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدىكى كۆپ نۇقتىلاردا كۆرۈلگەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوچۇق، ئاشكارا پوزىتسىيەدە بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىغا پائال ماسلىشىشى كېرەك. بىر ـ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئەيىبلەش مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە يەر شارىنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتەك ياخشى كەيپىياتىنى زەھەرلەيدۇ. كەسپىي دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەن سىلېنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئەقلىي تونۇشى كەمچىل. يېقىندا، جۇڭگونىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جۇڭگودا يەر شارى ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. چەتئەل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پېتىر ئانبارېك مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ دەلىل ـ ئىسپاتلارغا ئېرىشىشكە ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئالاقىدار بارلىق پەرەزلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئېنىقكى، خەن سىلېنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان كۈچلۈك كاچات.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2020ـ يىلى 5ـ ئايدىن باشلاپ، خەن سىلې ئۆزى ئۈچۈن «شەپەرەڭ مەدەنىيەت كۆينىكى» تىكىپ بېرىدىغان كارخانىلارنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىغان، ئۇ بەلكىم جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقۇم چوڭ سىنىقىدا، جۇڭگو دەرھال دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە باشقا دۆلەتلەرنى يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ۋاكسىنىنى دۇنيانىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈردى...... خۇددى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئېيتقاندەك: «جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جانلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى». شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋۇخەن جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋە قۇربانلىق بېرىپ، چەتئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «قەھرىمان شەھەر»، «جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك» دەپ تەرىپلەندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس 2021ـ يىلىدىكى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «تونېلنىڭ بېشىدا نۇر بار، بىز قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭساقلا، ئاخىر غەلىبە قىلىمىز.» دەپ مۇراجىئەت قىلدى. نۆۋەتتە، يەر شارىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ياخشى ئەمەس، يەر شارى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش- خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. خەن سىلې كانادانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە كانادا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىغا كۆۋرۈك سېلىشقا يول ئېچىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، ئىرقچىلىق «سىياسىي ۋىرۇسى» نى خالىغانچە تارقىتىپ، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي ساپاغا خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، يەنە كانادانىڭ دۆلەت ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا تېخىمۇ ئازار بېرىپ، جۇڭگو ـ كانادا مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

جۇڭگودا: «باشقىلارغا قىلساڭ ئۆزۈڭگە يانىدۇ» دېگەن گەپ بار.

بەزى كانادا ئەربابلىرىغا نەسىھەتىمىز شۇكى، كۆز بويامچىلىق قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تېگىشلىك پوزىتسىيە ئەمەس. «خەن سىلې» شەكلىدىكى يامان قىلمىشلاردىن ھوشيار بولۇپ، ئۆز خاتالىقىغا توغرا قاراپ، بۇ ئىشنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، تېزدىن جۇڭگوغا شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك. ۋىرۇسقا بەلگە چاپلاش، يۇقۇم ئەھۋالىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتەك ئىرقچىلىق سۆز ـ ھەرىكىتىنى خەلقئارا ھەمكارلىقتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ـ پەزىلىتى ۋە ئىلىم روھى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، باشقىلارغا چېچىلغان مەينەت سۇ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆزىنىڭ ئەپتىبەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ، خالاس.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مەدەنىيەت كۆينىكى ۋەقەسى» ئىرقچىلىق سېسىق پۇرىقى تارقاتتى

يېقىندا، كانادالىق بىر دىپلوماتنىڭ «ۋۇخەن» دېگەن پىنيىنچە خەت ۋە شەپەرەڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مەدەنىيەت