ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-18 16:16

دانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىنكى قان نوكچىسى خەۋپى كېلىپ چىقىشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئەنگلىيە ئاسترا زېنېكا دورا شىركىتى بىلەن ئوكسفورد داشۆسى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئالاقىدار كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەب-نەتىجە باغلىنىشى بارلىقى تېخى كۆزىتىلمىگەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاسترا زېنېكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى. گېرمانىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى يانسى شىپان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قارارنى چىقىرىش يېڭى دوكلاتتىكى قان نوكچىسى كېسىلى بىلەن ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى باغلىنىشى سەۋەبىدىن بولدى.

گېرمانىيە ۋاكسىنا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئورگىنى پائۇل ئېلرىش تەتقىقاتخانىسى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئورگان گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن ئېغىر قان نوكچىسى كېسىلىنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار باھالاشنى تاماملىغانغا قەدەر گېرمانىيەگە ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەكلىپىنى بەردى.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىپ، فىرانسىيە ئاسترا زېنېكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ۋاقتىنچە توختاتتى. فىرانسىيە دۆلەتلىك دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئاممىغا ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن قان نوكچىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى، بۇ ئورگان فىرانسىيەگە ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەكلىپىنى بەردى.

ئىتالىيە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاسترا زېنېكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. دارا باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ چەكلەش بۇيرۇقى «ۋاقىتلىق ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك» بولۇپ، ياۋروپا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قارار چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا، ئىتالىيە قوللانغان سىياسەت گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە دانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر قوللانغان سىياسەت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھۆكۈمەت شۇ كۈنى رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئاچقاندىن كېيىن، كەلگۈسى 15 كۈن ئىچىدە ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەم ياۋروپا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاسترازېنىكا ۋاكسىنىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاشنى قارار قىلدى.

پورتۇگالىيە 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، تاكى ياۋروپا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار باھالاشنى تاماملىغانغا قەدەر، ئاسترازېنېكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ۋاكسىنىنى ۋاقتىنچە پېچەتلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پورتۇگالىيە سەھىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فىرېتاس نۆۋەتتە پورتۇگالىيەدە ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن ناچار ئەكس تەسىر كۆرۈلگەن مىسال بايقالمىدى دېدى. ئۇ مەزكۇر ۋاكسىنىنى ئەملەتكەن ئاممىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كېيىنكى بىر نەچچە كۈندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش، ئەگەر ۋاكسىنا ئەملىگەن جايدا قان ئۇيۇپ قالسا ياكى قان چىقسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەكلىپىنى بەردى.

سىپرۇس سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقى، بۇ قارارنىڭ باشقا ۋاكسىنىلارنى ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە پاۋىل ئېللىش تەتقىقاتخانىسى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تەتقىقاتخانىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئالاقىدار ناچار ئەكس تەسىر دوكلاتىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بەزى ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىلەردە ئاز ئۇچرايدىغان مېڭە ۋېناسىدا قان نۆكچىسى يىغىلىپ قېلىش ھەم قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش، قاناش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدى. ئاخباراتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ئەگەر ئامما ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن، باش قاتتىق ئاغرىش ياكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىدىن قان چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

فىرانسىيە دۆلەتلىك دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، فىرانسىيە خەلقى ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىدىن 454 مىڭ 545 نى ئەملەتكەن، 3013ىدە ناچار ئەكس تەسىر كۆرۈلگەن بولۇپ، %0.66 نى ئىگىلىگەن.
ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پىئېمونت رايونىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ۋە سىتسىلىيە ئارىلىدىكى بىر ئەسكەر يېقىندا بۇ ۋاكسىنىنى ئەملىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە بۇ ئىككى قېتىملىق ئۆلۈمنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

دانىيە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتتىكى ئاسترازېنېكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئايالدا ئىلگىرى «بىنورمال» كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلدى. 60 ياشلىق بۇ ئايالدا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. دانىيە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئايالنىڭ چوڭ ـ كىچىك قان تومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىدە قان ئۇيۇش، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ سانلىق قىممىتى تۆۋەنلەش، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە قان چىقىش ئالامىتى كۆرۈلدى، بۇ ئالامەتلەر «ئىنتايىن بىنورمال».

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: يېشى 50 كە بارمايدىغان ئۈچ كىشىدە ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسى ئەملىگەندىن كېيىن قاناش، قان نوكچىسى ۋە قان پىلاستىنكىلىرى تۆۋەن بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالاندى.

بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ۋە قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب ـ نەتىجە باغلىنىشى تېخى ئېنىقلانمىغان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەنگلىيە دورا ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋاكسىنا بىخەتەرلىكى باش مۇتەخەسسىسى فېل برايىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنداق دېدى: «بىز مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى يېقىندىن باھالاۋاتىمىز، ئەمما ھازىرقى دەلىل-ئىسپاتلار بۇ خىل (ئاسترازېنېكا) ۋاكسىنىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى (قان نوكچىسى)نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ».

برايىن مۇنداق دېدى: قان نوكچىسى تەبىئىي پەيدا بولىدۇ، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئىش ئەمەس.

ئەنگلىيەدە 11 مىليون دانىدىن ئارتۇق ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسى ئەملەندى، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن قان نوكچىسى پەيدا بولغانلارنىڭ سانى ئەملەنگۈچىلەر ئارىسىدا تەبىئىي ھالدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار بىمارلار سانىدىن كۆپ ئەمەس.

سىپرۇس سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنىڭ قان ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق ئىسپات يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسترازېنېكا دورا شىركىتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تەتقىقاتچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەدىكى بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەن 17 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىخەتەرلىك سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ قان نوكچىسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، دەپ قارىدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى