ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئامېرىكا ئۆزى كولىغان ئورىغا چۈشۈپ قالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-28 19:29

 ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋستىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلمايلا ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى. بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن بۇيان ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى.

بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زىيارەت دەل بايدېن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرى ھاسىل قىلغان »دوخا كېلىشىمى« نى تەكشۈرۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئۆز قەرەلىدە چېكىنىپ چىقىش-چىقماسلىقى سىرتتىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى .شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھازىر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بېرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى ......

بۇلتۇر 2-ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈن دۇنيادىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن ترامپ ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن قاتارنىڭ دوخا شەھىرىدە ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئارمىيىسى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدۇ؛ تالىبان ئۆز ئەزالىرىنىڭ شۇنداقلا» بازا» تەشكىلاتى قاتارلىق باشقا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا قايتا يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە نۆۋەت ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىدە يەنە 2500 ئادەم قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ سانى 3500 ئىكەن، بۇ، كىرگۈزۈلمىگەن ئالاھىدە ئۇرۇش خادىملىرى ۋە بەزى ۋاقىتلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەيلى قايسى سان بولسۇن، بۇ ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن بۇيان ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى ئەسكىرى سانىنىڭ ئەڭ ئازىيىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئىمزالىغان « دوخا كېلىشىمى»دە دەسلەپتىلا نۇقسان بار ئىدى :كېلىشىمدە تالىبان ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان، شۇنداقلا تالىباندىن ئالدى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىنمىغان .شۇنداق بولغاچقا، بۇ يېتەرسىزلىك ساقلانغان كېلىشىم ئافغانىستاننىڭ ئىچكى توقۇنۇشنى توختىتالمىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئاخىرقى مۇددىتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئافغانىستان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان ئەندىشىسىمۇ كۈچەيدى: يەنى ئەگەر ئامېرىكا پىلان بويىچە ئەسكەر چېكىندۈرسە، ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ يەنە ۋاقتىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىيالمىسا، بۇ دۆلەتتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ھاۋادىن ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردا چوقۇم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىش كېرەك، ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرۈشتە چوقۇم شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئويلىشىشى، ھەرگىزمۇ سۈنئىي ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتمەسلىكى لازىم دېدى.

لېكىن ھازىرغىچە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى باشتىن-ئاخىر ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ئىلگىرى ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم يىلدىن 11 ئايغىچە ئۇزارتىشنى ئويلاشقان. ئەمما ئاففانىستاندىكى تالىبان ئامېرىكىنى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىققا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ، بولمىسا تالىبان بۇنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارايدۇ ھەم ئىنكاس قايتۇرىدۇ دېدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋستىننىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «سۆھبەت» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئافغانىستان توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىكەن. لېكىن سۆھبەتنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولمىغان.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان بۇلتۇر 3-ئايدا باشلىنىدىغان سۆھبەتنى بۇلتۇر 9-ئايدا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاشىنگتون سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپكە تىنچلىق توغرىسىدا بىر پارچە تەكلىپ سۇنۇپ، ۋاقىتلىق «تىنچلىق ھۆكۈمىتى» قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان، لېكىن ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەشنى ئېنىق رەت قىلغان ھەم سايلام ئۆتكۈزۈش-ئافغانىستاننىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى، ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە كۆپ تەرەپ سۆھبىتى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى. كېلەر ئايدا، ئالاقىدار تەرەپلەر يەنە تۈركىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن تۈركىيە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئۈمىد چوڭ ئەمەس دەپ قارىدى.

ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن قوزغىغان ئافغانىستان ئۇرۇشى ھازىرغىچە 20 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بروۋىن داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشقا ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ھەربىي خىراجەت ئاجراتقان، ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە ئافغانىستان ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا-تالىبان «دوخا كېلىشىمى» نىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تالىبان ئامېرىكىلىقلارغا قاراتقان ئۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن توختاتقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا مەشىق قىلدۇرىۋاتقان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا تالىبان كېلىشىمدىكى تەلەپ بويىچە بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمىدى.

خۇددى ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئەندار ئېيتقاندەك، ئامېرىكا-تالىبان «دوخا كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، چەت ئەللىكلەر بىخەتەر بولدى، لېكىن ئافغانىستانلىقلار يەنىلا ئۆلتۈرۈلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تىنچلىق كېلىشىمى» تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمىدى، ئاساسلىقى بۇ كېلىشىم دەسلەپتە ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي تەلىپىنى ئاساس قىلىپ مەجبۇرىي ئوتتۇرىغا قويغان «جىددىي ئىھتىياج ماتېرىيالى» بولدى. ئامېرىكا تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمىغان مەزمۇندا ۋەدە بەرگەچكە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى ۋە توقۇنۇشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.

يەنە بىر تەھلىلدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئامېرىكا ھازىر ئافغانىستاندىن ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرسە، ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن 20 يىللىق ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ؛ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلسا تالىباننىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

بايدېن زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قانچىلىك تېز سۈرئەتتە چېكىندۈرۈش توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شىدا مۇنداق دېدى : ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، كېيىنكى ئىشلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى قارارى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئويلىنىشتىن چەتنەپ كەتمەيدۇ.

ۋاڭ شىدا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى يەنىلا بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق كېلىشىمىمۇ يېرىم ئىجرا قىلىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ مەنبەسى يەنىلا ئامېرىكىدا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستان مەسىلىسىدە باشتىن-ئاخىر تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ئىگىلەش ۋە سىياسەتنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. چۈنكى بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنىمۇ كۆزلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئامېرىكا ئۆزى كولىغان ئورىغا چۈشۈپ قالدى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋستىن 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلمايلا ئافغانىستاندا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى