ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 09:14

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى. جۇڭگو نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتىدە نەچچە يۈز مىليون جۇڭگولۇقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى قىزىل رەقەمنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان دۇنيا نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىقى كىشىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۈمىد ئۇرىقىنى تارقىتىپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى چەك-چېگراسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.

جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ ئاساسىي يولى ۋە ئۇسۇلى دۇنيا مىقياسىدا نامراتلارنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، «ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى چوڭ ئىش. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىدا ماڭدى. لائوس دۆلەت رەئىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كامانى بېنشېنا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى جۇڭگو خەلقىگە گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىنىڭ لوگىكىسى ۋە سەۋەبى ھازىرقى زامان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى. نامراتلىق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ «توسالغۇ»، پەقەت خەلق ئارىسىدىن چىققان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەسىلا بۇ قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئورۇنداش جەھەتتە، جۇڭگو باشتىن ئاخىر ئىشنى خەلقنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باشلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلىدى. «بىر پىلاننى ئاداققىچە يولغا قويۇش»، «ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەش» جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئۇلۇغ ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ستېفېن پېررى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشى پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، خەلققە ياردەم بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى. گوللاندىيە ئامستېردام ئەركىنلىك داشۆسى مەدەنىيەتتىن ھالقىغان كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور تام زىۋات مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىشى «خەلقنى مەركەز قىلىش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ سىياسەت تۈزۈش ھەر قانداق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

جۇڭگو خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە پائال تۆھپە قوشتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى يەتتە مىليون 600 مىڭ كىشىنى ئېغىر نامراتلىقتىن، 32 مىليون كىشىنى ئوتتۇرا ھال نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو 160 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى كۆپ خىل شەكىلدە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. ئاسىيادا جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېزا-كەنتلەردە نامراتلارنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى قانات يايدۇردى؛ جۇڭگو ئافرىقىدا ئافرىقا ئەللىرىگە سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قىلىپ ، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى بەرپا قىلدى؛ لاتىن ئامېرىكىسىدا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو كۆپ خىل شەكىلدىكى نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشكە جۇڭگو كۈچىنى قوشتى.

جۇڭگو ئۆز تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن باشتىن-ئاخىر زىچ باغلىدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ نامراتلىق تۈگىگەن، تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرىدۇ. كۆپلىگەن پاكىتلار كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.