ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلار ئىنتىزار بولغان ھەققانىيەت تېخى يېتىپ كەلمىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-23 10:51

ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتى خېننېپىن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئۈچ ھەپتىگە يېقىن قاراپ چىقىش ئارقىلىق، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاق تەنلىك ساقچى چاۋۋىننىڭ ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ياش فرويىدنى «تىزلاپ ئۆلتۈرۈش» دېلوسىغا قارىتا چاۋۋىننىڭ ئۈچ تۈرلۈك جىنايىتى كۈچكە ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

بۇ دېلوغا چېتىشلىق ساقچىغا بېرىلگەن تېگىشلىك جازا. ئارقىدىنلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن سۆز قىلىپ،-بۇ ھۆكۈم ئامېرىكىنىڭ سىستېمىلىق ئىرقچىلىققا زەربە بېرىشىگە نىسبەتەن زور ئىلگىرىلەش،دېدى، بىراق كۆپلىگەن كىشىلەر،-بۇ قېتىمقى سوت چاۋۋىن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدى، لېكىن فرويىدقا ھەققانىيەت ئېلىپ كېلەلمىدى، دېدى.

ئامېرىكا سىياسىيونى ساندىس،-رەڭلىك ئىرقلارنىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىشى ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئاپەتلىرىنىڭ يىلتىزى تۈگىتىلگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ھەققانىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
نەچچە ئەسىردىن بۇيانقى ئېزىش تۈزۈمىگە ئاساسلانغاندا ئىرقىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، بىر مەيدان سوت ئارقىلىق ھەرگىزمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋۋىن سوراق

قىلىنغان ئۈچ ھەپتىگە يېقىن مەزگىلدە ئامېرىكا ساقچىلىرى ھەر كۈنى ئۈچتىن كۆپرەك كىشىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئافرىقىلىقلار ياكى لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار ئەۋلادىدىن ئىكەن. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى چاۋۋىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايىتى بار دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەتتە ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ئىشتاتىدىكى ئافرىقىلىق ئەۋلادىدىن بولغان 15 ياشلىق قىز ساقچى تاپانچىسىدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتتى.

پۈتۈن يەر شارىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنىنى پەيدا قىلغان بىر مەيدان ئىرقچىلىق تىراگېدىيەسى ئامېرىكا ساقچىلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق داۋالغۇش پەيدا قىلمىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئازراقمۇ يىغىشتۇرۇلمىدى.

رېئال سەۋەبلەرنى ئاساس قىلغاندا بۇ ئامېرىكا قانۇن يۈرگۈزۈش سىستېمىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت يول قويۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەڭ ئاخىرىدا جىنايەت بېكىتىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. ئامېرىكا پاۋلىنگرىن ئىشتاتلىق داشۆسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئالىمى فېل ستېنسېننىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2005-يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن نەچچە مىڭ قېتىملىق ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا 140 قا يەتمىگەن ساقچى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت يەتتە ساقچىغا جىنايەت بېكىتىلگەن. بۇ خىل ئېچىنىشلىق رېئاللىق ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇردى، شۇنداقلا ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئەلاچىلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، فرويىد دېلوسىنىڭ كېسىم نەتىجىسىنى ئەجەبا بىر مەيدان «غەلىبە» دېگىلى بولامدۇ؟

تارىختىن قارىغاندا ئامېرىكا تۈزۈمى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئاق تەنلىكلەر ئەلاچىلىقى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئاپەت يىلتىزى دەپ قارالدى. ئامېرىكىلىق ئالىم مارى بروۋن «جىددىي تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : بىز بىر مەيدان تەسەۋۋۇر ئۇرۇشىنى قىلىۋاتىمىز، نۇرغۇن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆلۈمى ئاق تەنلىكلەرنىڭ قىياسىدىن بولدى، ئۇلار ناھايىتى خەتەرلىك.

بۇ قېتىمقى سوتتىكى بىر ئىنچىكە تەپسىلات مارىنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلىدى. چاۋۋىننىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى ئېرىك نېلسون مۇنداق دېدى: «مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان» فرويىد زەھەر چەككەنلىكتىن ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەنگەن، ئۇ بىر «جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى» رايوندا قولغا ئېلىنغان. فرويىد ئۆلگەندە چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار كونترول قىلىشقا تېگىشلىك چۇقان سالغۇچىلار ئىدى.

نېلسوننىڭ ئاقلاش سۆزىدىن 400 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرگە قارا چاپلانغانلىقى، «كۈچلۈك»، «ئاچچىقلىنىدىغان»، «جىنايەتچى»، «بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك» دېگەن بەلگىلەر چاپلىنىپ كەلگەنلىكىدەك قورقۇنچلۇق پاكىتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ خىل چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر تەرەپلىمە قاراش ئېرىقچىلىقنىڭ ئامېرىكىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، سىجىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.

فرويىدنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئادۋوكاتى سىتۇرت مۇنداق دېدى: ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار قارشىلىققا ئۇچراپلا تۇرىدۇ، بىز تېخىمۇ قوغداشقا موھتاجمىز. ئامېرىكا سۆڭەك قېرىپ يارىنى داۋالاش سىناق ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغاندىلا، ئىنسانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلارنى تېخىمۇ قوغدىغىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن باراۋەرلىك قۇرۇق سىياسىي شوئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،فرويىد دېلوسىنىڭ ھۆكۈمى ئامېرىكا ئېرىقچىلىقىنىڭ پەردازلاش دورىسى ۋە ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشىدىكى پىچكىسى بولۇپ قالماي،بەلكى بىر خىل سەگىتىش دورىسى بولۇشى كېرەك. زۇڭتۇڭ بايدىن،-سىستېمىلىق ئىرقچىلىق ئامېرىكا روھىتىدىكى داغ، دېدى. بىر مەيدان سوت ئېنىقكى، ئۇنى پاكىز يۇيۇشقا ئامالسىز قالدى. ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلار ئىنتىزار بولغان ھەققانىيەت تېخى يېتىپ كەلمىدى #.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلار ئىنتىزار بولغان ھەققانىيەت تېخى يېتىپ كەلمىدى

ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتى خېننېپىن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئۈچ ھەپتىگە يېقىن قاراپ چىقىش ئارقىلىق، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى