ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو تېبابىتى، دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئەربابلار ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-10 15:52

ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادا تارقالغاندىن بۇيان، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ھەرىكەتكە كەلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن يېنىك كېسەللەرنى داۋالاشقىچە، ساقىيىپ ئەسلىگە كېلىشتىن پىسخىكا ساغلاملىقىغىچە-ئۇلار ياۋروپادىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو-ياۋروپا خەلقىنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

بۇلتۇر 2-ئايدا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، پورتۇگالىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرى يەن چۈنمىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ۋاقتىدا مۇداپىئەلىنىشكە ئەسكەرتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئالاقىدار رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق ئۇقتۇردى. پورتۇگالىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۆرۈلگەندىن كېيىن، يەن چۈنمىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا پورتۇگال تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا ۋىدىيودا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلاپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ساۋاتلىرى، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش لايىھەسى ۋە جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم ئاممىنىڭ شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەكتەپ ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنى بالدۇرراق تاقاش تەكلىپىنى بەردى. يەن چۈنمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تورداش بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەندىن كېيىن سۆز قالدۇرۇپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. بەزى تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ تەكلىپىمگە ئاساسەن، ئامال بار ئۆيدە تۇرغانلىقى ھەم ماسكا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، پەلەي قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تەييارلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرى ئۆزلۈكىدىن ياۋروپا جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنى ساغلاملىق ۋە پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

لىسبون جۇڭكاڭ جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوختۇر لۈ مېي ياۋروپا جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلىرىنىڭ خالىسانە كېسەل كۆرۈشىگە قاتناشقاندىن باشقا، يەنە ۋىدىيو ئارقىلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان پورتۇگالىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان چياۋمىنلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ دورا ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ھەم «جۇڭگو-پورتۇگالىيە دەرسخانىسى» تور مۇنبىرى ئارقىلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا ئالاقىدار ساۋاتلار، شەخسىي مۇداپىئە، يېنىك كېسەللەرنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشى ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

پورتۇگالىيە كويىمبىرا داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ پورتۇگالىيە تەرەپ مۇدىرى جۇ مياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 4-ئايدا، بىزنىڭ جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلىق ئورنىمىز بولغان جېجياڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىپ، پورتۇگالىيەگە نۇرغۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تېبابىتى خالتىلىق دورىسى ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورا تابلىتى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پورتۇگالىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە شۇ جايدىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كويىمبىرا داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى يەنە جۇڭگو ئېلان قىلغان «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسى»نى پورتۇگال تىلىغا تەرجىمە قىلدى ھەم شۇ جايدىكى مەھەللىلەرنى توردا جۇڭگو تېبابىتى بويىچە خالىسانە كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، كۆپ قېتىم بۇلۇت يىغىنى تەشكىللەپ، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلدى.

بۇلتۇر تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادا يامراپ كەتكەن مەزگىلدە، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دوختۇرخانىلىرىغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئېغىر كېسەللەر تولۇپ كېتىش ئەھۋالى پەيدا بولۇپ، يېنىك كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش تەس بولدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر كېسىلى يېنىك بىمارلاردىن ئۆيدە ئايرىلىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلى نۇرغۇن كىشىلەر تاللىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

لۈ مېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ تارقالغاندا، جۇڭگو تېبابىتى يەنە بىر قېتىم ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن ئۆيدە داۋالىنىۋاتقان قىسمەن بىمارلاردا قىزىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش، بىر نەرسە يېيەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، بىز ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن رېتسېپ يېزىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەردۇق.

ۋېنگىرىيەدىكى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن جىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، بىرىنچى بولۇپ بىمارلارنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز جۇڭگو تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەسىنى بۇلۇت تېرمىنالىغا چىقىرىپ، دوختۇرلارنى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، جۇڭگو تېبابىتىدىن ئىبارەت بۇ «مەڭگۈ تاقالمايدىغان كۆزنەك» ۋېنگىرىيە ھەتتا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى ئاممىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

ۋېنگىرىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مېجېش پېتىر جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئوينىغان رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، چۈنكى جۇڭگو تېبابىتى ئادەمگە قاراپ قاراتمىلىق ھالدا داۋالايدۇ. جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ بىرلىشىشى-بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

لۈ مېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پورتۇگالىيەدە تارقالغاندىن بۇيان، مەن قۇرۇق يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئارقىلىق نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتتىم، پەقەت بىمارلار بەرداشلىق بەرسىلا، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، بىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىمىز، كەسپىي بىلىمىمىز ۋە داۋالاش تەجرىبىمىز-بىمارلارنىڭ جىددىيلىشىش پىسخىكىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تەسەللىي بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.

رىتا ئىسىملىك پورتۇگالىيەلىك بىر قىز لۈ مېيغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقۇم جەريانىدا فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

پولشادىكى يۈەن جىڭشەن دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن داۋالىنىپ ساقايغان بولسىمۇ، لېكىن تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالىغان، قۇرۇق يىڭنە سانجىپ داۋالىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى نەچچە ئاي، ھەتتا يېرىم يىل ئازابلىغان ئاغرىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ئۇ ئىلگىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ ساقايغان بىر بىمارنى داۋالىغان، بۇ بىمار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ھەتتا گەپ قىلالمىغان، يول ماڭالمىغان، جۇڭگو تېبابىتى ئارقىلىق داۋالانغاندىن كېيىن تېنى ئەسلىگە كەلگەن.

بۇلتۇر 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۇقۇم ئېغىر بولغان پورتۇگالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر پورتودىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى يەن چۈنمىڭدىن ياردەم سوراپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى داۋالاش لايىھەسىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. يەن چۈنمىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كېچىلەپ ئالاقىلىشىپ، ئىنگلىزچە نۇسخىدىكى جۇڭگونىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىنى تاپتى ھەم ئېلخەت ئارقىلىق پورتۇگالىيەدىكى ئاساسلىق بىر نەچچە دوختۇرخانىغا يوللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ھەمبەھىرلەندى. يەن چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جۇڭگو-پورتۇگالىيە دوختۇرلىرىغا ۋاسىتىچى بولۇپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان پورتۇگالىيە دوختۇرلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

جياڭسۇنىڭ سۇجۇدىن كەلگەن جياڭ ياۋېن-16-قاراردىكى مالتاغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى. بۇلتۇر 10-ئايدا، ئۇ ئالتە كىشىدىن تەشكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتىنى باشلاپ، ياۋروپادا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامراۋاتقان پەيتتە، زەربىدارلىق بىلەن مالتاغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى جۇڭگو تېبابىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو بىلەن مالتا ھۆكۈمىتى 1994-يىلى ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىدا جۇڭگو تېبابىتى مەركىزىنى قۇرغان. جياڭ ياۋېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو تېبابىتى مەركىزى ھازىرغىچە 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كېسەلنى داۋالىدى، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم مالتالىق جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو تېبابىتى، دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئەربابلار ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ قوشتى

ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادا تارقالغاندىن بۇيان،