ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپانىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولى ئۇزۇن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:11

پاتنون بۇتخانىسى، رىمدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش مەيدانى، لوندوندىكى چوڭ سائەت، ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ......ئىلگىرىكى ياۋروپادىكى بۇ قىزىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىر مەھەل پەس كويغا چۈشۈپ قالغان قالدى. بۇ يىل يازدا ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

گەرچە ھازىر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشتە ئىلگىرىلەش بولغان، ئامما چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ياۋروپانىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش يولى يەنىلا ئۇزۇن ئىكەن.

ئىلگىرىكى يىللاردىكى پاسخا بايرىمىدا بۇلغارىيەنىڭ گابروۋوغا جايلاشقان ئېتېر ئۈستى ئوچۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت قۇرۇلۇش مۇزېيى ئىچىدە ھەمىشە ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇغا مۈڭگۈزى ئوۋ پىچىقى، قوي تېرىسىدىن ياسالغان ساز، كۈمۈش بېزەك قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇكانلارنىڭ سودىسى روناق تاپقان ئىدى. بۇ يىل بۇ يەر ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، سودىسى سۇس بولدى. ياغاچ بۇيۇملىرى دۇكىنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىرىسوف مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئېتىر ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتمىدى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار، بەزىدە بىر كۈندە پەقەت بىر نەچچە تاللا تاۋار سېتىلىدۇ.

خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدىغان ساياھەتچىلىك بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى .دۇنيا ساياھەت ۋە ساياھەت كېڭىشى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 73% ئازايغان، ساياھەتچىلىكتە تەخمىنەن 62 مىليون ئىش ئورنى زىيانغا ئۇچرىغان، دۇنيا ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن يېرىمغا يېقىن ئازىيىپ كەتكەن.

ياۋروپادا فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گىرېتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىرىمۇ ئامان قالمىدى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى، ساياھەت كىرىمى، مېھمانخانىغا كىرىش نىسبىتى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى پورتۇگالىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى زاكالىياس مۇنداق دەپ قارىدى :يۇقۇم ساياھەتچىلىكنى غايەت زور ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچراتتى، ياۋروپادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ساياھەت كارخانىلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىدى.

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ساياھەت مىنىستىرلىرى خادىملارنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيېن يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى :ھازىر بىخەتەرلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ياۋروپانىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان ئالاقىسىنى قايتا باشلايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. ياۋروپا كومىتېتى ياۋروپانىڭ ۋاكسىنا ئەملەنگەن ۋە يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن يولۇچىلارغا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان پورتۇگالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، »ۋاكسىنا پاسپورتى»نى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپانىڭ ساياھەتچىلىكىنى قۇتقۇزۇشقا دەۋەت قىلدى .گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ«ۋاكسىنا پاسپورتى»نى ئومۇملاشتۇرۇشنى پائال مۇراجىئەت قىلماقتا.

ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش پىلانىنى تۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنى قايتا باشلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى .ساياھەت كەسپىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەزى دۆلەتلەر مەبلەغ سېلىش، ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ باج سېلىقىنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يەنە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى تولۇقلىما بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى.

گەرچە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياۋروپاغا قايتىپ كېلىشىگە پائال تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقۇم كۆلەڭگىسىنى بىر مەھەل پۈتۈنلەي تۈگىتىش تەس ئىكەن، ياۋروپا ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىشىغا يەنە بىر مەزگىل كېتىدىكەن.

ئىتالىيە ساياھەتچىلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لارى مۇنداق دېدى :ساياھەتچىلىك ئۇچرىغان بۇزغۇنچىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ .فىلورېنسا ساياھەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لورېنزونىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىتالىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى 2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا بارغاندا ئاندىن 2019-يىلىدىكى سەۋىيەگە قايتالايدىكەن .لارى بىلەن لورېنزو مۇنداق دەپ قارىدى :بارلىق جايلاردا يۇقۇم كونترول قىلىنغاندىلا، يۇقۇم ئاندىن ئاخىرلاشقان بولىدۇ، ساياھەتچىلەر ئەڭ يىراق جايدىن كەلگەندىلا، ساياھەتچىلىك ھەقىقىي ئەسلىگە كېلىدۇ.

شىۋېتسىيە ساياھەت كوپىراتىپى ئالاقىدار كەسپىي بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :ۋاكسىنا پاسپورتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، ئەمما سودا سەپىرى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن .بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى :يۇقۇم ساياھەتچىلىككە نىسبەتەن ئاپەت خاراكتېرلىك، لېكىن ھازىر ئۈمىدۋار ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

نۇرغۇن ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جۇڭگو بازىرىغا زور ئۈمىد باغلىدى .ئىسپانىيە جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سىسنېگا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك بازار، بىز يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، جۇڭگونىڭ ئىسپانىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى پىشاڭغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپانىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولى ئۇزۇن